تۈلكە دوست
(جۇشقۇن ھۇشۇر)
دوست دوست دېدىڭ دوسنى كۆردۈڭ زىياندا،
دوست دوست دېدىڭ تاپالمىدىڭ قىيندا.
دوستۇم بار دەپ يۈردۈڭ ھەمدە كېرىلىپ،
دوستۇڭ سېنى ئىتتىرۋەتتى قىيادا.
ئاداش دېدى چۈنكى ئۇ چاغ پۇلۇڭ كۆپ،
بىللە يۈردى چۈنكى ئۇ چاغ يۇلۇڭ كۆپ.
دەسسەپ ماڭدىڭ توزاقلارغا سەن غەمسىز،
ئۆز كۆڭلۈڭدە ئەتراپىڭدا دوستۇڭ كۆپ.
دوستۇڭ تۇتتى ئاق ھاراقنى تۇنجى رەت،
كۆتۈرۋەتكىن دېدى ھەمدە ئالار دەت.
مەس بۇلغاندا دوستۇڭ قويدى يەنىلا،
ھاجەت چۈشۈپ ئىزدىگەندە تۇردى چەت.
تاماكىدىن تۇتاشتۇرۇپ تەڭلىدى،
بۇلدى دېسەڭ ياخشى سۆزدە ئەپلىدى.
ئەخمەق بۇلۇپ جاننى پىدا قىلساڭ سەن،
لېكىن دوستتۇڭ تۈلكە بۇلۇپ پەملىدى.
سەن دوستتۇڭنىڭ بەختتى ئۈچۈن ئويلاشساڭ،
دوستۇڭ سېنىڭ سۆيگۈنىڭنى قوغلاشتى.
دوستتۇڭ ئۈچۈن قىلغىنىڭدا جان پىدا،
دوستتۇڭ سېنىڭ يارىڭ بىلەن تويلاشتى.
شىردەك دوستنى ئۇچراتقايسەن ئەي خۇدا،
دوست دەردىدە تارتىپ قالماي مەن نىدا.
تۈلكە دوستنى نېرى قىلغىن يېنىمدىن ،
مەنمۇ قىلاي شىردەك دوستقا جان پىدا.
2017.3.26
14 قېتىم كۆرۈلدى | جۇشقۇن ھۇشۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-27 7:01:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|