تاكسى شوپۇرى

تاكسى شوپۇرى

 

ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام

 

مەن ئۆزۈم بىر تاكسى شوپۇرى،

مەنزىللەرگە ئېتىلغان ئوقيا.

گۈزەل مەنزىل ئىنسان تەلپۈگى ،

مەن شۇلارنىڭ مىسالى گويا.

 

ئىككى قولدا رولنىڭ دەستىسى،

چاق ئاستىدا ئاق-سېرىق سزاق.

قايناق بازاريولنىڭ رەستىسى،

ھەردوقمۇشتا ئاگاھدىن چىراق.

 

كېچە -كۈندۈز مىنىڭ خىزمىتىم،

كۆزنۇرۇمدا تۈننىڭ پەردىسى.

ھەقلىق بولغاچ قىلغان مېھنىتىم ،

ماشىنامدا پۇلنىڭ باھاسى.

 

قىبلە قىلغاچ توغرا ئۆلچەمنى،

 تەڭپۇڭلىققا بەردىم ئەھمىيەت.

بەزى نادان چۈشەنمەي بۇنى،

قوللار شىلتىپ بولدى بەتنىيەت.

 

 يەنە بەزىلەر كىراكەشلىكنى ،

دىيىشەركەن ئاسان ئوقەت دەپ.

ئۇلاربىلسە كۆڭۈل غەشلىكنى ،

ھىس قىلىشار بۇمۇ تەسكەن دەپ.

 

ئەتتىگەندە بوسۇغا ئاتلاپ ،

رىزىق ئىزدەپ چىقىپ كىتىمىز.

ئالدىراشلا قورساقنى كاپلاپ،

مەنزىل بويلاپ يۈرۈپ كېتىمىز.

 

 

خەتەرپايلاپ بەزىدە تېخى،

 قولتۇقتىنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

شۇڭا تىلەپ ئاللھتىن ساقلىق ،

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كتىدۇ.

 

2015*3*8كۈنى





246 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 15:21:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-3 9:47:08 ئابلەت بودەك
بۇ شېئىر تەبىئىي رەۋىشتە،ئاپتورنىڭ ئەركىن قەلىمى ئاستىدا چىن يىزىلىپيۇـ قىرىندىشىمىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىشنى ئۇمۇد قىلىمەن ھەم ئاخىرغىچە قوللايمەن!رەھمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ