بەرسەڭلارچۇ بالامنى (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

بەرسەڭلارچۇ بالامنى
مەمەتجان سەمەت

كۆزلىرىمدىن  ياش ئارلىشىپ  قان ئاقتى،
تاماق ئۆتمەي  تېخى گالدىن  كۈن پاتتى.
كېچەلەرى   ئۇخلىيالماي   تاڭ ئاتتى.
ئەپقاچقانلار  بەرسەڭلارچۇ  بالامنى.

قانمىغانتى   بالام   ئانا   مېھرىگە،
قانمىغانتۇق  بىز مۇ  بالا  چېھرىگە.
يېتەلمىدۇق  يا بۇ ئىشنىڭ  تېگىگە،
ئەپقاچقانلار  بەرسەڭلارچۇ  بالامنى.

تولا ئىزدەپ  ھېرىپ كەتتىم  يول مېڭىپ،
چەت ئەتلەرگە ئىزدەپ بېرىپ مەن چېنىپ.
ياش تۇرۇپلا  چاچ ئاقاردى  غەم بېسىپ،
ئەپقاچقانلار    بەرسەڭلارچۇ   بالامنى.

پۇل دىسەڭلار   تېپىپ باراي  تويغىدەك،
خۇشال بولۇپ  سىلەر رازى  بولغىدەك.
يەر تاپالماي  قالدىم باشنى  قويغىدەك،
ئەپقاچقانلار  بەرسەڭلارچۇ   بالامنى.

بىتاپ بولۇپ  زەئىپلەشتى  تەنلىرىم،
كۆپەيمەكتە  ئازلاي دېمەي غەملىرىم .
توشۇپ كەتتى سەبىر تاقەت چەكلىرىم،
ئەپقاچقانلار  بەرسەڭلارچۇ   بالامنى.

ھېچ يەردىنمەن تاپالمغاچ   بىر يوچۇق،
بولاي دىدىم  زۇۋان سۈرمەس  تىل تۇتۇق.
كېتىپ قالماي  ئۇ دۇنياغا   كۆز ئوچۇق،
ئەپقاچقانلار  بەرسەڭلارچۇ    بالامنى.

شۇنچە كەڭرى ئالەم ماڭا تار كېلىپ،
گۈل چىرايىم غازان بولدى سارغىيىپ.
قىناۋەرمەي  مېنى  ئۇنداق قاقشىتىپ،
ئەپقاچقانلار   بەرسەڭلارچۇ   بالامنى .

كېچە  كۈندۈز  سېغىنىشىم  بېسىلماس،
باشقا    ياققا  خىياللىرىم   چېچىلماس.
مەن سىلەرگە سۇنۇپ قالدىم ئىلتىماس،
ئەپقاچقانلار  بەرسەڭلارچۇ   بالامنى.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى : 308381500
ئاپتۇرنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ

يۈتۈپ كەتكەن سەبى بالىلارنىڭ تىرزاق
تېپىلشىنى چىن دىلىمدىن  ئۈمۈد قىلىمەن
     





292 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 18:53:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ