تەبەسسۇممۇ ئىھساندۇر
رىزۋانگۈل (مودەن)
www.yazghuqilar.com
مېھماندۇرمىز دۇنياغا پەقەت جان بىر ئامانەت،
كەلدۇق يەنە كىتەرمىز بولسۇن ئاڭا دىيانەت.
ئۆتكۈنچى بىر كارۋان بىز قۇنالغۇدۇر بۇ دۇنيا،
ئايار بولساڭ بىلگەننى،بولۇر ئۇ بىر خىيانەت.
،،،،،،،،،،،،،،
ھەسەت قىلما ئۆزگىگە ئۇندا بولسا كارامەت،
ھەم كولىما ئورىنى يېنىپ قالار ئالامەت.
ئىنسان ھەرگىز ئىرىشمەس ئارتۇق ياكى بەكمۇ ئاز،
نېسىپ بولار پەقەتلائەجرىگە خوپ دارامەت.
،،،،،،،،،،،،،
ياخشىلارغا ئۈلپەت بول،بولماس دىلىڭ مالامەت،
نىيەت بولسا گەر ئالا،بولالمايسەن سالامەت.
تەبەسسۇممۇ ئىھساندۇر ئىلتىپات قىل مىسكىنگە!،
ئۆتكەن ئۆمۈر كەلمەيدۇ،چەكسەڭ قانچە نادامەت.
…،،،،،،،،،،،،،،
كىبىر بىلەن غادايما ،كەلسە ساڭا كۆپ ئامەت،
ئۆتكەن كۈننى ئۇنۇتقان، بولۇر ئۆزى بىر نامەرت.
ھايات يۇلى تۇقايدۇر،ھەر نەفەستە بىر سىناق،
سەن مىھىرسىز ياشىساڭ ،ئۆتەر كۈنىڭ قىيامەت.
2016-يىل 25ئۆكتەبىر .مايتاغ
62 قېتىم كۆرۈلدى | رىزۋانگۈل (مودەن) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-29 9:31:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|