سەن كەلمىسەڭ مەن باراي ئانا

سەن كەلمىسەڭ مەن باراي ئانا

 

www.yazghuqilar.com

 

 ئانا دەپ چاقىرسام ئاۋازىممۇ يوق،

 ئانىسىز كۈنلەردە مادارىمۇ يوق،

 سېنىڭدەك قىلغان دۇئالەرمۇ يوق،

ئانا سەن قايتا قايتىپ كىلەمسەن.

 

سىنىڭسىز تەغدىرگە بولمەن ھەيران،

ھاياتىم سىنىڭسىز بولارمۇ ۋەيران،

 قاچىدۇ بەزىلەر مىنىڭدىن ھەريان،

ئانا سەن قايتا قايتىپ كىلەمسەن.

 

بارىڭدا كۆككە يەتكەنتى بېشىم،

ھەتتاكى ھەرۋاقىت تەييارتى ئېشىم،

 كۆزۈمدىن ئاقمىغان بىرتاچمە يېشىم،

ئانا سەن قايتا قايتىپ كىلەمسەن. 

 

 يەتمىگەن ئارمانغا بالاڭ قالدىغۇ،

 مېھىرلىك ئائىلەڭ،ئۆيۈڭ قالدىغۇ،

 يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۆزۈم تالدىغۇ،

 ئانا سەن قايتا قايتىپ كىلەمسەن. 

 

 ئالداپ بەزلەر ئاناڭ كىلىدۇ بىركۈن،

 كۈتتۈم سىنى نەچچە-نەچچە تۈن،

شۇنچە كۈتسەممۇ كەلمىدىڭ لىكىن،

بىلىمەن ئەمدى قايتىپ كەلمەيسەن.

 

 كىتىپسەن ئەسلى قاتتىق ئۇيغۇغا،

بىركۈنى كىتەرمەن مۇنمۇ ئۇيقۇغا،

 ياتىمەن شۇكۈنى بەلكىم يىنىڭدا،

 سەن كەلمىسەڭ مەن باراي ئانا.

 

 ـ ھايات♡يولۇم

 2015/9/4 ئۈندىدار Samii0909





578 قېتىم كۆرۈلدى hayatyolum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-4 17:12:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ