ئاي ۋە يۇلتۇز (شېئىر) - ئابلىمىت روزى توغراق

ئاي ۋە يۇلتۇز

ئابلىمىت روزى توغراق 


مەنسۇپ ئەمەس ماڭا تۇلۇنئاي،

ئۇ  زىمىنغا ھەممىگە ئورتاق .

شىرىن ئەمەس مۇھەببەت دائىم،

تىتىيدىكەن گاھىدا قىرتاق.


تۇلۇنئايغا بەردىممۇ ۋەدە،

رۇجەكلەردىن تۇرىدۇ ماراپ.

ئەي نىگارىم قاياقلاردا سەن،

سەنمۇ ئايغا تۇردىڭمۇ قاراپ.


رومىلىڭنى قايرىۋەتكىن ئاي،

سىزىۋالاي يارنىڭ ھۆسنىنى.

قىياقلارغا قونۇپ شەبنەمدەك،

كۆرىۋالاي بۇلاق كۆزىنى.


جىمىرلايدۇ سانسىز يۇلتۇزلار،

ئوخشىمايدۇ چاقنىشى بىراق.

سىغىنىشىم ئۆچمەيدۇ مەڭگۈ،

ئارلىقىمىز بولسىمۇ يىراق.


2017.3.18 پوسكام






22 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىمىت روزى توغراق ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 7:35:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ