بۈگۈنىمىز گۈزەل دەپ ، پەرداز قىلما سىتودىنت
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر)
پارتىيەنىڭ نۇرىدا ، يوللار ئاچقىن سىتودېنت ،
ئىللىق ۋەتەن قوينىدا ، داۋان ئاشقىن سىتودېنت ،
پۇرسەتلەرنى قەدىرلەپ ، قىران ياشلىق چېغىڭدا ،
مەشئەللەرنىڭ چوغىدا ، نۇرلار چاچقىن سىتودېنت .
مەرىپەتنىڭ قوينىدا ، خۇشال ياشا سىتودىنت ،
گۈزەل ئانا يۇرتۇمدا ، باغلار ياسا سىتودىنت ،
ئاتا - ئاناڭنىڭ بارىسەن ، ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن ،
ئەۋلادلىرىڭ ئىشقىدا ، ھارماي سايرا سىتودىنت .
ئەجدادلارنىڭ ئەجرىنى ، ئاقلا مەڭگۈ سىتودىنت ،
نۇرلاندۇرۇپ مەشئەلنى ، يايرا مەڭگۈ سىتودىنت ،
ئىللىق ئانا ۋەتەندە ، دادىل ئالغا قەدەم ئال ،
بولۇپ ئەجداد ۋارىسى ، سايرا مەڭگۈ سىتودىنت .
ئاتا - ئاناڭ غېمىنى ، يەردە قويما سىتودىنت ،
مەرىپەتنىڭ كېنىنى ، بوغۇپ قويما سىتودىنت ،
جاسارەتتە تېرىشىپ ، شەرەپ قۇچقىن مەڭگۈگە ،
ئۇستازلارنىڭ ئەجرىنى ، چۆلدە قويما سىتودىنت .
قىلما ھەرگىز ئازغۇنلۇق ، ۋاپادار بول سىتودىنت ،
ئويلىمىغىن ھورۇنلۇق ، چىدامچان بول سىتودىنت ،
قىران ياشلىق چېغىڭدا ، ئەۋلاد ئۈچۈن تېرشىپ ،
ئاتا قىلىپ يورۇقلۇق ، ئەزىمەت بول سىتودىنت .
ئۆتۈپ كەسە ياشلىقىڭ ، يانماس چېراق سىتودىنت ،
گۈل تېرىماي باغلىرىڭ ، يوقتۇر پېراق سىتودىنت ،
قاندۇرىدۇ ئۇسسۇزلۇق ، مەرىپەتنىڭ بۇلىقى ،
ئىلىم-پەندۇر يارلىرىڭ ، تۇرما يېراق سىتودىنت .
ئەجىرلەرنى بىل شەرەپ ، پۇرسەت كۈتمە سىتودىنت ،
ئازغۇنلارغا قىل غەزەپ ، ئېزىپ كەتمە سىتودىنت ،
ساۋاتسىزلىق نۇمۇستۇر ، نادانلىقتىن قۇتۇلغىن ،
ئادىمىيلىك بىل ئەدەب ، ھەرگىز كەچمە سىتودىنت .
گۈزەل ياشلىق چېغىڭنى ، نابۇت قىلما سىتودىنت ،
چىمەنزارلىق تېغىڭنى ، گۇمران قىلما سىتودىنت ،
ئىلللىقنى ئويلىغىن ، قەيسەر بولغىن بىر ئۆمۈر ،
خۇشپۇراقلىق بېغىڭنى ، ۋەيران قىلما سىتودىنت .
قوغلاشمىغىن راھەتلەر ، چانما ھەرگىز سىتودىنت ،
تالاشمىغىن قامەتلەر ، ئازما ھەرگىز سىتودىنت ،
تېتىك بولسۇن روھلۇرۇڭ ، مەڭگۈ ئالغا چامدىغىن ،
ئويلىمىغىن پۇرسەتلەر ، يانما ھەرگىز سىتودىنت .
ئۆتتى يەنە كۈنۈم دەپ ، چوتنى سوقما سىتودىنت ،
قېنىۋالاي كۈلۈپ دەپ ، خىيال قىلما سىتودىنت ،
ھەر دەقىقە تېرىشقىن ، قۇراللىنىپ پەن بىلەن ،
بۈگۈنىمىز گۈزەل دەپ ، پەرداز قىلما سىتودىنت .
جەمئىيتىمىزدىكى ئاز ساندىكى ئۆزىنى سۆيمەيدىغان ، پارتىيەنىڭ نۇرلۇق سىياسەتلىرىنى قەدىرلىمەي ، پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتماي ، ئاتا - ئانىنىللىرىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاشقا تېرىشماي ، ئالىي مەكتەپ قوينىدا ياخشى ئوقۇماي ، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان سىتودىنتلارغا ئىبرەت بولۇش ئۈچۈن ، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ئىنتايىن ئاز ساندىكى نادان ، ئاجىز سىتودىنتلارنىڭ ”ئۈچ خىل كۈچلەر “نىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن ئازغۇنلۇق قىلىپ ، تۇيۇق يولغا كېرىپ قىلىپ ، ئەسەبىي دىنىي تەلۋىلەر ، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ يەمچۈكىگە ئايلىنىپ قېلىپ ، ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ قەتئىي ھېسياتىغا تايانماي ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ، ئاق - قارىنى تونۇپ يېتىپ ، گۈزەل ۋەتەن ئىللىق قوينىدا پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، مەرىپەت قوينىدا تاۋلىنىپ ، ئۆزى ئۈچۈن ، ۋەتەن ئۈچۈن ، خەلق ئۈچۈن تېرىشىپ ئوقۇپ ، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ ، بارلىق سىتودىنتلارغا ئىبرەت بولۇش ئۈچۈن يازدىم ،ئاپتوردىن .....
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار :qq1165181317
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 49 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-31 10:53:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|