ئاخىرقى مەكتۇپ
ئې.تۇرسۇن خەنجەرى
ئەزىزەم مەن سىنى سۈيەتتىم شۇنچە،
كاج پەلەك،تاش يۈرەك بەرمىدى ۋىسال.
ئايرىلدۇق ئىككىمىز ئىككى قۇتۇپقا،
سۆيگۈمىز بىمەزگىل تاپقاندا زاۋال.
قۇلۇمدا ئىككىمىزچۈشكەن سۈرەتلەر،
كۈزۈمنى يۇمساملا ئەسلەيمەن سىنى.
ئاغرىيدۇ يۈرۈگۈم پىچاق تىققاندەك،
دەرت–ئەلەم قۇچاغلاپ تۇرغاندەك مىنى.
ئايغىمۇ قارىماس بولدۇم سەۋەپ شۇ–
سەن ئاينى گۇۋاھ قىپ ئىچكەنتىڭ قەسەم.
ۋەدىلەر پاخالدەك بولدى قەدىرسىز،
ھاياتتا قالمىدى نە مەنا نە تەم.
ئۆمرۈمنىڭ تېڭىنى ياشاپ بوپتىمەن،
بىرئارمان قېپ قالدى پەقەت بىر ئارمان.
خوشلىشىپ بۇلالماي قالارمىز بەلكىم،
نەدە بول ئەزىزەم سەن بولغىن ئامان....
2006–يىل 21-دىكابىر ئاقسۇ...
56 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-27 7:05:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|