ھايات ۋە مەن
بۇ كۈنلەر ئۆتىدۇ توختىماي- رەت رەت ،
كۆزۈمنى ئاچسام گەر يەنە تاڭ سەھەر.
ياشايمەن ياشاشنىڭ ئۆزى غەنىمەت.
يەتكىچە مۇساپەم ئەجەلگە قەدەر.
ھايات ئۇ ئەجەلگە باغلانغان ھامان.
يەتمىسە گەر ئەجەل ئۆلمەسكەن ئادەم.
ئارزۇيۇم بىر ماياك مەنكى بىر كارۋان.
ئەركەكمەن باسىمەن دادىل قەدەم.
ئادەممەن مېنىڭمۇ ئارزۇلىرىم بار.
بۇلبۇلنىڭ باھارغا ئىنتىلگىنىگە ئوخشاش.
ئارزۇيۇم خەلق ئالدىدا بولمىسام ئار ،
كېرەك ئەمەس ئاڭا مەنىسىز ياشاش.
ھاياتقا بوي بەرمەي ياشايمەن ئەبەد.
تىنىقىم گەر بولسا ئۇ بىر غەنىيمەت.
ئاخىرقى مەنزىلىم قەبرە بولسىمۇ.
ئىزلىرىم چاقنايدۇ چېچىپ نۇر ھېكمەت.
كەتسىمۇ كارۋانلار قالار ئىزلىرى.
كېزىپ ئۆتكەن ھەر بىر دالادا.
ھايات ئۇ سەپەر مەنكى بىر كارىۋان.
ئىزلىرىم چاقنىسۇن ئىجاد نۇرىدا.
مەمەتجان( 7-ئۆكتەبىر )
108 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjon | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-7 12:03:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|