بولدى قىلدىم - ئابدىراھمان ھېكىم

 ——بولدى قىلدىم——

🎄ئابدىراھمان ھېكىم🎄 🌹 ئىشەنچ🌹

شۈكرى دەيمەن ھايات يۈرگەنگە،
تەغدىر دەيمەن باشقا كەلگەنگە،
بۇپتۇ دەيمەن كۆزگە ئىلماي كۈلگەنگە،
خەيىر دەيمەن مەندىن ۋاز كەچگەنگە،

قەسلەپ تۇتسا قوش قوللاپ شاراپ ،
بۇنى بىلمەي ئىچىپ ساپتىمەن يالاپ،
قۇشۇلۇپ كەپتىكەن ئەسلى شاراپقا زەھەر،
بۇ ئازاپلىق كۈنلەر قايسى چاغ تۈگەر؟

سەھرالىق ئاددىلا بىر يىگىت ئىدىم،
دوستۇم دىسە ياخشى ئادەم دەپ بىلدىم،
ئەلەم بىلەن قان ئاققۇزدى يۈركۈمدىن،
شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ھەممىدىن ئايرىلدىم،

ئىشەنگەن ئادەملىرىم  ئالداپ يۈرسىمۇ بۇپتۇ،
ئەمدى چۈشتى مىنىڭ ئالقىنىمغا  دەپتۇ ،
قەسەم ئىچىپ ئالدىمدا،قىلسىمۇ يەنە غەلۋە ،
بولدى قىلدىم ئەمدى تۈگۈدى،مەندىكى سەبرە،

2016-يىل9-ئاينىڭ29-كۈنى  كۇچا

 506838927

     





55 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-17 14:09:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ