سەتەڭلەر ئىقرارى - جەميىتمىزدىكى بەزى قىزلارغا

سەتەڭلەر ئىقرارى
جەميىتمىزدىكى بەزى بىر قىزلارغا

پۇل كېرەك

ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )

ئېرىق تاشسا سۇ باشلاشقا كۈل كېرەك ،
پادىلارنى يايلاتقىلى چول كېرەك .
ياخشى دەيمەن پۇل كۆرسىتىپ كەلگەننى ،
پۇلدارلارنىڭ قېنى ئەمەس پۇلى كېرەك .

بەزىلەر ھە بەختسىزمۇ سەن دەيدۇ،
ۋاپاسىزغا يار بولغانمۇ سەن دەيدۇ.
ئەنە ئۇلار ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ.
تەسەللىيلەر كېرەك ئەمەس پۇلى كېرەك.

چىرايلىرىم ئۆزگىچىدۇر گىرىمدا،
نازلىق سۆزلەر ياڭراپ تۇرار دىلىمدا.
ئەقىلسىزلەر چۆرگىلەيدۇ يېنىمدا،
ئەقىل سىزلەر كېرەك ئەمەس پۇل كېرەك.

شۇنداق تۇرسام مېنى خەقلەر گۈل دەيدۇ.
گۈزەللىكتە ئالەمدىكى بىر دەيدۇ
ھېچكىم بىلمەس مېنىڭ كۆڭلۈم پۇل دەيدۇ.
ماڭا ماختاش كېرەك ئەمەس پۇلى كېرەك.

پۇل ئۈچۈندۇر ئۇرغۇپ تۇرار ياشلىقىم ،
پۇلى يوققا كۈلۈپ چېراي ئاچمىدىم.
نېمە قورقۇش چوڭ كىچىكتىن قاچمىدىم.
ماڭا ۋىجدان كېرەك ئەمەس پۇلى كېرەك.

ئۈندىدار 2318334127
     





192 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 9:46:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ