تويغا بېرىپ يىغلاپتۇ دادام
ئىلزات
تويغا قوپۇپ تونۇش بىلىشلەر،
ئۆزگە يۇرتقا يول ئالدى دادام.
بىز خاتىرجەم ئۇزۇتۇپ قويدۇق،
زامانەمنىڭ يوللىرى داغدام.
قېچىپ كەپتۇ ھەيران قېلىشتۇق،
ئازار يەپتۇ ھەسرەت چىكىشتۇق.
سۆزلەپ بەردى توۋا دېيىشتۇق،
ئۇشبۇ تويدا يىغلاپتۇ دادام.
ئىسراپچىلىق چەكتىن ئېشىپتۇ،
تاماق بىلەن چوشقا بىقىپتۇ.
شەھەرلىكلەر تەگنى ئۇنتۇپتۇ،
ئاشۇ تويدا يىغلاپتۇ دادام.
چوكا تەگمەي تۈكۈلسە تاماق،
ھۆكۈم سۈرسە شىىرەدە ھاراق.
دېھقان سۈكۈت قىلىدۇ قانداق،
ئاشۇ تويدا يىغلاپتۇ دادام.
كېلىن كىيىم كىيمەپتۇ دېدى،
يىگىت بىغەم يۈرىيدۇ تېخى.
مەرت يىگىتنىڭ ۋىجدانى قېنى؟
ۋىجدانىم دەپ يىغلاپتۇ دادام.
تانسا ئويناپ ئاتا بىلەن قىز،
يوپكا قوڭدا خىجىل بوپتۇ تىز.
دادام دېدى بۇ قانداق ئەندىز؟
ئىپپىتىم دەپ يېغلاپتۇ دادام.
خوتۇن خەقمۇ ئىچىپ قويارمىش،
بەزەنلىرى چېكىپ قويارمىش.
ئېرى ماختاپ پەخىرلىنەرمىش،
ئىمانىم دەپ يىغلاپتۇ دادام.
يېرىم يالىڭاچ ھايۋاننى كۆرۈپ،
يۈزى قېلىن جاناننى كۆرۈپ.
ئۆچۈۋاتقان ئارماننى كۆرۈپ،
ئەرلىكىم دەپ يىغلاپتۇ دادام.
بولۇش كېرەك خاسلىق مىللەتتە،
چىڭ تۇرايلى ئۆرۈپ - ئادەتتە.
ياشايلى بىز ئۇيغۇر سۈپەتتە،
بالىلىرىم دەپ يىغلىدى دادام.
175 قېتىم كۆرۈلدى | elzat0999 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-1 12:17:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|