مۇئەللەمگە مەدىيە
ئەكبەر ئەركىن
ئىپتىخارلىق بىر خىزمەت بار،ئۇلى مىللەتنىڭ،
ۋەزىپىسى ئەل - ۋەتەننى توسۇش ئىللەتتىن.
«مۇئەللىم»دۇر ئېتى ئۇنىڭ جاپاكەش ئۆزى،
ھەر كىشىنىڭ ئۇنى كۆرسە سۆيۈنەر دىلى.
گاھى بەڭباش،گاھى كەپسىز، غەمسىز دوستلارنى،
توسۇش بولدى ۋەزىپىسى يامان- يالاقتىن.
ياشلىقىنى قۇربان قىلىپ ئۇلۇغ كەسىپكە،
ئەۋلادلارنى ئىگە قىلدى قەدىر- قىممەتكە.
مېھنىتىڭدىن ھايات سېنى گۈلگە ئورايدۇ،
ئامەت،بايلىق،ئابرۇي،جانان كۈلۈپ قارايدۇ.
غۇنچىلارنىڭ خۇش ھىدىدىن دىلىڭ سۆيىنەر،
ھەر تىنىقىڭ باھارىدىن شېئىر تۆكۈلەر.
مۇئەللىم،سىز، يەر- جاھاننىڭ كەشىپ چولپانى،
ناخشا- سەنئەت،ھەر ھۈنەرنىڭ شاھى- سۇلتانى.
ئىلىم- ئېرپان،چىمەنزارنىڭ گۈلى رەناسى،
باغۋىنىسىز مەرىپەتنىڭ،بىزلەر ھەغداسى.
ئۇلۇغلانسا دەيمەن ئۇستاز نامى تائەبەت،
ئەجرىلەردىن ياشنىسا،كۆكلىسە مىللەت.
ئاق-قارىنى پەرق ئېتىپ ئېچىلساق،كۈلسەك،
مېھنەتلەردىن پارلاق نۇر چاچسۇن كېلەچەك.
ئۈندىدار:2629888235
| 26 قېتىم كۆرۈلدى | akpar430 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-11 23:25:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|