ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەسكەن ئىنسان
گۈزەل
چىقمىسا شامال ، جۇدۇن ۋە بوران ،
ئاپتاپنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ ئىنسان .
ياماننىڭ قۇلىدا خارلانماي تۇرۇپ ،
ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ ئىنسان .
ئىشەنگەن تاغلاردا كىيىك ياتماپتۇ ،
كىيىك ئەمەس ھەتتا چاشقانمۇ ياتماپتۇ .
تىۋىپلار ئارىسىنى شۇنچە كەزسەممۇ ،
پۇشايمان دورىسىنى ئەسلا ساتماپتۇ .
ئادىمىيلىك قىممىتىڭ غۇرۇر ئىرادە ،
ئۇنىڭدا ھۆرمىتىڭ قەدرىڭ زىيادە .
نامەرتتىن ئات سوراپ مىنگەندىن كۆرە ،
ئەۋزەلدۇر بىر ئۆمۈر قالساڭ پىيادە .
| 179 قېتىم كۆرۈلدى | Guzal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-15 0:44:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |