كۆرەلمەسكە
ئېلىجان ئابدۇكېرەم
(بارچۇق ئوغلى)
ئەي كۆرەلمەس يىراق تۇرغىن مېنىڭدىن،
دوستلۇق مېھرى كۈتكىن سەنمۇ خىلىڭدىن.
ئىشەنمەيمەن ئەمدى ساڭا بولدى بەس،
بېزار بولدۇم سېنىڭ يالغان سۆزۈڭدىن.
زەپەر قۇچسام كۆرەلمەپسەن بەيگىدە،
ھەم ئارقامدىن گەپ تېپىپسەن توختىماي.
دوستۇم دەيتتىڭ دوستمۇ سەندەك بولامدۇ،
قىلىقلىرىڭ قاپتۇ دوستقا ئوخشىماي.
توۋا دەيمەن قىلمىشىڭدىن خۇرسىنىپ.
سېنى دوست دەپ يۈرگىنىمگە ئېچىنىپ.
يۈرىكىمگە داغلار سالدى قىلمىشىڭ،
سەن دۈشمىنىم قاتارىغا قېتىلىپ.
ئىككىنچى رەت كۆرۈنمىگىن كۆزۈمگە،
ئىشەنمەيمەن سېنىڭ يالغان سۆزۈڭگە.
ياخشىلارنى كۆرەلمەسلىك ئادىتىڭ،
ھامان بىر كۈن دار بولىدۇ ئۆزۈڭگە.
2017,,,1,,17
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
36 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-7-1 11:46:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|