ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
ئاشناڭ سېنىڭ يىلىكىڭنى شۇرايدۇ ،
ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە !
ئايالىڭ ئۇ ، گۈل ھېدىڭنى پۇرايدۇ ،
ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە !
ئاشناڭ پەقەت يۈرۈكۈڭگە ئاتقان ئۇق ،
زەھرى باركى ، قىرىنچىلىك مېھرى يۇق .
پۇراپ تۇرار سۆزلىرىدىن بىر شۇملۇق ،
ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە !
ئاشناڭ ئۇخشار شىرىن دالا سەيلىگە ،
ھەۋەس يانداش ئۇنىڭ ناپاك پەيلىگە ،
ئايال ئۇخشار چىمەندىكى لەيلىگە ،
ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە !
بىر چاغلاردا سۆيمىگەنمۇ دىل بىرىپ ؟
كۆيمىگەنمۇ پىراقىدا ئىزىلىپ ؟
ئەمدى نېچۈن يۇردۇڭ ئۇنى خار قىلىپ ؟
ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە ؟
ھوشۇڭنى تاپ تەنتەكلىكىڭ تۈگىدى ،
ئاشنا ئۇيناپ بارچە يۈزۈڭ تۈكۈلدى ،
قاپاق كاللاڭ قاتتىق تاشقا ئۇرۇلدى .
ئايالىڭدەك مېھرىبان يۇق ئالەمدە !
| 86 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 12:05:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|