مەكتەپ ھاياتى
گۈلنىگار مەترۇزى
ئەل ئۇيقىدا، تەڭ كىچە بولدى،
تىنجىمىدى ياتاق بىناسى .
بىرى كۈلسە بىرى يىغلايدۇ،
شۇنداق ئىدى مەكتەپ ھاياتى.
بىلىم ئېلىش ئىستىكى بىلەن،
جەم بۇلۇشقان يىراق يۇرتلاردىن.
بىلىم ئالماي ئەخلاق يۇقىدى،
بىخۇتلۇقتا مەكتەپ ھاياتى .
كەلگەندە بىز پاك سەبى ئىدۇق،
تۈزۈم بوش دەپ تالادا يۈردۇق.
دىبادا يۈرۈپ ھايا يۇقىدى،
ئازغۇنلۇقتا مەكتەپ ھاياتى .
«مۇھەببەت»نى (ئانا ) بىلەتتۇق،
خاتالاشتۇق «يارىم» غا چۈشتۇق.
كىتاپ تاشلاپ يانفۇنغا كۆچتۇق،
شۇنداق ئۆتتى مەكتەپ ھاياتى.
تاشلاپ كەتتى يارىم دېگەنلەر،
ئەخمەق بولدى دىبادا يۈرگەنلەر،
قان يىغلىدى تالادا يۈرگەنلەر ،
ئازاپتا قويدى مەكتەپ ھاياتى .
مەكتەپ ئەسلى مەرىپەت بېغى ،
غۇنچە ئىدۇق بىز شۇ باغدىكى ،
نابۇت قىلدۇق ئۆز غۇنچىمىزنى ،
پۇشايماندا مەكتەپ ھاياتى .
ئىبرەت بولسۇن چوڭدىن كىچىككە،
ساۋاق بولسۇن بىزدىن ھەممىگە ،
بىلىم ئالسۇن مەكتەپتە ياشلار ،
گۈزەل بولسۇن مەكتەپ ھاياتى!
2015-11-21
| 161 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-2 21:26:25 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |