ئەركەك بولساڭ - نادىر

ئەركەك بولساڭ

 

www.yazghuqilar.com

 

 مەن ئەركەك دىسەڭ ئەگەردە ،

 تىللمىغىن قىزلارنى ھەرگىز .

 توغرا يولغا باشلاش ئۇلارنى ،

 بىزلەر ئۈچۈن پەرىزدۇر-پەرىز .

 

 لىكىن نۇرغۇن نادان ئادەملەر ،

 ئ‍ۇلار ئۈستىگە قىلماقتا ئ‍ەرىز .

 ئىگە بولۇش قوغداشنى ھەتتا ،

 ئ‍ۆزى ئۈچۈن تۇتماقتا پەرھىز .

 

 يوقالماقتا ھۆرمەت سۆزلىرى ،

 سەنلىمەكتە دىمەي كەلدى سىز .

 تىللاشلا بار ماڭسا خاتاغا ،

 ئ‍ىيتالمىدى سەۋەپچىلەر بىز .

 

 بۇزۇق دىدى ھەتتا بەزىسى ،

 ئۇنتۇماقتا دىيىشنىمۇ قىز .

 ھاقارەتلەپ كەلدى دائىما ،

 ياخشى سۆز يوق بىرەرمۇ ئ‍ىغىز .

 

 بىلدۈرمىگەچ توغرا خاتانى ،

 خاتا بولدى ئ‍ۇلار باسقان ئ‍ىز .

 قالمىغاچقا بىزدە دىيانەت ،

 ھۇجۇم قىلدى ئۇلارغا ئ‍ەيدىز .

 

 ئ‍ۇلاردىمۇ پۈتۈن خاتالىق ،

 بىزدە يوقمۇ مەسئۇلىيەت قەرىز ،

 ئىگە بولۇش قوغداش ئ‍ۇلارنى ،

 ئ‍ىدى بىزگە مەجبۇريەت پەرىز .

 

 يامان كۆرمە دىگەنلىرىمنى ،

 دىمە ھەتتا ئىكەن پايدىسىز .

 تۈزەلمىسە بىزدە خاتالىق ،

 بولالمايدۇ بۇ ئۈممەت ئ‍ەزىز .

 

 ❤سەبىر ❤ ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى

 2015.يىلى 9. ئاينىڭ 9.كۈنى





268 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-20 0:16:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-20 14:02:39 ھىدايەت
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
2015-9-20 8:45:48 ئەمەتجان
تىرشىڭلا amatjan909 يىقىن دوسلۇققا قىتىۋلىڭلا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ