ئەڭ خۇشال كۈنۈم

ئەڭ خۇشال كۈنۈم

 

شىئېر

 

 بويتاقلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرنىڭ تامان،

 دوسلار ئارا شاراپ سۇنۇپ كۈلۈپ يايرىغان.

 بۇلبۇل كەبى خەندان ئۇرۇپ كۈيلەر ياڭرىغان،

 يالغۇزلۇقتىن خوشلاشقان بۇ ئەڭ خۇشال كۈنۈم .

 

كۈلكە شادلىق غەم قايغۇغا بىر تۇققان ئەمەس،

خوشال ياشاش ئارزۇيۇمدۇر لىكىن بۇمۇ تەس.

 دوسلار سۇنغان شاراپلاردا بولدۇم خېلى مەس،

 كېرەك يوقتۇر بۇمۇ مىنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنۈم .

 

شۇنداق قىلىپ بۇ سۇرۇندىن تارىدۇق ئاخىر،

بەخىت تىلەپ دوسلار ماڭا قايتىشتى خۇشال.

دۇتتار ماڭا بولدى ھەمرا مەنمۇ بەك خۇشال،

يارنى كۈيلەپ ئۆتكۈزگەن بۇ ئەڭ خۇشال كۈنۈم.

 

 بىر كەملەردە ئاق ئات مىنىپ يۈرگەنلىرىمكەن،

شىرىن سۆيگۈ باغلىرىغا كىرگەنلىرىمكەن .

ھۆسنى گۈزەل بىر قىزغا ئاشىق بولغانلىرىمكەن،

چۈشۈم بولسىمۇ بۇمۇ مىنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنۈم.

 

 شۇنداق خۇشال يۈرگىدەكمەن ئاق ئات ئۈستىدە،

كۈلۈپ ئالدىمدا ئولتۇرغىدەك قارا مەلىكە.

ۋىسال ئېشى دەستۇرخاندا بولدى مەرىكە ،

چۈش كۆرسەممۇ بۇمۇ مىنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنۈم .

 

ئۇ سۇرۇننىڭ كۈيچىسى بولدى قارا مەلىكە ،

چاڭ كەلتۈردى دوسلۇرۇممۇ قىزىدى مەرىكە.

شوخ ناخشىلار ئېيتىلماقتا ئاپئاق مەلىكەم،

شوخلاپ كەتكەن چۈشۈمدىكى ئەڭ خۇشال كۈنۈم .

 

شۇنداق شىرىن چۈشۈمنى بۇزدى بىر ئاۋاز ،

ئاپام توۋلاپ بېشىمدا تۇر ئورنۇڭدىن تاز .

سەن لەقۋاغا خۇتۇن ئېلىپ بىرىپ ئۆزەمگىمۇ ئاز ،

تىل ئاڭلىساممۇ بۇمۇ مىنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنۈم . 

 

 ئويلاپ باقسام بۈگۈن مىنىڭ تۇيۇم بۇلۇپتۇ ،

بۇ بېشىمغا بەخىت قۇشى ئاخىرى قۇنۇپتۇ .

بويتاقلىقنىڭ ھارۋىسى ئەنە سۇنۇپتۇ،

بەخىتكە چۆمگەن بۇ مىنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنۈم .

 

ئاپتۇرى ☜ مەمەتجان سامساق

 

تىلفۇن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرۇم 15599755288





694 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 16:21:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-8 4:56:41 jumakari
yahxi yezilip tu
2016-1-8 4:49:50 jumakari
yahxi yezilip tu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ