ئۆگەن
ئەھمىدىن ئابدۇل
غەزىپىڭ كەلگەندە كۈلۈشنى ئۆگەن،
ئېتىڭدىن ئايرىلساڭ مېڭىشنى ئۆگەن ·
رەقىبىڭ زور كۈچلۈك يولۋاس بولىمۇ،
سەن ئۇنى شىر بولۇپ يېڭىشنى ئۆگەن .
گەر نادان بولساڭسەن بىلىمنى ئۆگەن ،
يىقىلساڭ ئورنىڭدىن تۇرۇشنى ئۆگەن .
كەلگەندە ئالدىڭغا ئاجىز مېيىپلار ،
سەن ئۇنى دوس بىلىپ يۆلەشنى ئۆگەن .
ياماندىن قول ئۈزۈپ ياخشىنى ئۆگەن ،
كۆڭلۈڭگە دەرت كەلسە يېڭىشنى ئۆگەن .
ئەل ئۈچۈن كەتسىمۇ بېشىڭ تېنىڭدىن ،
يىگىت سەن يىگىتتەك ياشاشنى ئۆگەن .
| 31 قېتىم كۆرۈلدى | ئەھمىدىن ئابدۇل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-14 22:05:12 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|