پەرىشتەم ئانام
ئاپتۇرى: ئادىلجان ھۈسەنجان
ئەللەي ئەتكەن سەن قۇلاقلىرىمغا ، پەرىشتەم ئانام،
مىھىر بەرگەن سەن، بال چاغلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام،
مۇڭ كۈي بەرگەن سەن، ياڭراقلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام،
ساپلىق بەرگەن سەن بۇلاقلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام،
مەڭگۈ باھار سەن. سەن باغلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام.
پەرزەنىتكە مىھرىڭ، تىلىم ئاجىزدۇر، پەرىىشتە سۈپەت!
تىنمايدۇ مىھرىڭ ، ھەردەم ھازىردۇر، پەرىشتە سۈپەت!
يۈكسەك كۆيۈنۈش، سەندە قادىردۇر، پەرىشتە سۈپەت!
مىھرىڭدە قىشمۇ باھار-يازىمدۇر، پەرىشتە سۈپەت!
مىھرىڭدە يەتتىم ئۇز چاغلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام.
جاھاندا سەندىن كۆچلۈك باتۇر يۇق، چىدام غەيرەتتە،
جاھاندا سەندىن گۈزەل جانان يۇق، بۇ ھەق ئەلۋەتتە،
جاھاندا سەندىن ئۇشۇق چولپان يۇق، دۇنيا ھۆرمەتتە،
بارلىقىڭ پەرزەنىت تاماسىز پەقەت ، ئىجىر-مىھنەتتە،
دۇئا قىلىسەن ئارمانلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام.
سىنى تەرىپلەش، ئاجىز كېلىدۇ، قەلەملىرىمدە،
سىنى ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپارسام قەدەملىرىمدە،
مىھرىڭدە ئانا ، مەغرۇر تۇرارمەن سەھەرلىرىمدە،
پەرىشتەمدۇر سەن يۈرۈگۈمدە ھەم غەزەللىرىمدە،
سىڭگەن مىھنىتىڭ ئاش-نانلىرىمغا، پەرىشتەم.
ئانام تىلەكلىرىڭدە مەغرۇر قەدىمىم تاغلارنى ئاتلاپ،
ئاغىرىپ قالسام گۈل قولۇڭ بىلەن قويارسەن ئاشلاپ،
كىلەرمەن شۇنداق تىلەكلىرىڭدە بەختىمنى باشلاپ،
جان دىلىم بىلەن سۆيەرمەن سىنى مەڭگۈ باغاشلاپ،
ئۈمۈت سىزىقىڭ ئالقانلىرىمدا، پەرىشتەم ئانام.
بالام دەپ شۇنداق ياشايسەن ئانا ئۈزەڭنى ئۇنتۇپ،
بالام دەپ مەڭگۈ ئاسرايسەن ئانا ئۈزەڭنى ئۇنتۇپ،
بالام دەپ بەخىت ئاتايسەن ئانا، ئۈزەڭنى ئۇنتۇپ،
بالام...بالام دەپ، ھاسرايسەن ئانا، ئۈزەڭنى ئۇنتۇپ،
بالىلىقىمچە، قىلغانلىرىمغا!! پەرىشتەم ئانام.
سۆيگۈڭدە سۈكۈت، دۇئا قىلىسەن ئىنسابىمىزغا،
كۈلكەڭ بىلەن تەڭ ، ئىمكان بىرىسەن ئىمكانىمىزغا،
رازىلىقىڭسىز يىتەلمەيمىزكەن نىشانىمىزغا،
ئەجىر مىھنەتتە، ھۆرمىتىڭ ئولۇق، ھاياتىمىزغا،
باغلار ياسايسەن باھارلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام.
جەننەتنىڭ ئىزى ، بىز نى دەپ قاپارغان تاپانلىرىڭدا،
تۇرمۇش ئىزناسى مىھرىڭ سىماسى، ئالقانلىرىڭدا ،
بىز ئۈچۈن ، بۈيۈك بەخىتلەر ھىدى ئارمانلىرىڭدا،
تىپىلماس بىر تەم، تۆكۈلگەن زەم-زەم ئاش-نانلىرىڭدا،
بەختىم تۆرى سەن، بوستانلىرىمغا، پەرىشتەم ئانام.
2016-يىل 5-يانۋار
ئۈندىدار: 1600746091
115 قېتىم كۆرۈلدى | adiljan11 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-6 2:49:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|