* سېغىنارسەن مېنى شۇ كۈنى *
زۈلەيخا قەلىمى
يۈرەكىڭگە بىر ئوتنى سالسام ،
كۆز ئالدىڭدا بىر بولۇپ قالسام ،
قەلبىڭدىن ھەم چىن ئۇرۇن ئالسام ،
سېغىنارسەن مېنى شۇ كۈنى .
مۇھاببەتنىڭ ئوتىنى سالسام ،
شەربەت كەبى لىۋېڭگە تامسام ،
ھاياتىڭدا بىر بولۇپ قالسام ،
سېغىنارسەن مېنى شۇ كۈنى .
ياش تۈكىسەن بىر كۈنى كەچسەم ،
مۇڭلىنىسەن يېنىڭدىن كەتسەم ،
دەردىڭ ئاشار يات بىلەن كەتسەم ،
سېغىنارسەن مېنى شۇ كۈنى ،،،
كېچىلەردە تولغۇنۇپ ئاچچىق ،
ھەسرىتىمنى چېكىسەن قاتتىق
ئېلىپ كەتسە مېنى ئاق ئاتلىق ،
سېغىنارسەن مېنى شۇ كۈنى،،،
چۈشلىرىڭدە ئارام بەرمىسەم ،
خيالىڭدىن نېرى كەتمىسەم ،
كېتىپ يېراق قايتىپ كەلمىسەم ،
سېغىنارسەن مېنى شۇ كۈنى ،،،
| 50 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-19 22:31:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|