ۋەتەن يۇلىدا
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
ھېچ گەپ ئەمەس يېشىم ئاقسىمۇ،
بەدەل تۆلەپ ۋەتەن يۇلىدا.
مەيلى ھەتتا بېشىم كەتسىمۇ،
ھەقنى سۆزلەپ ۋەتەن يۇلىدا.
ۋەتەن بىر ئانا،مەن بىر بالا،
مىھرېم چۇڭقۇر ۋەتەنگە شۇڭا.
چەكسىز ئامەت ،شان-شەرەپ ماڭا،
تارتسام كۈلپەت ۋەتەن يۇلىدا.
ئالىي بۇرچۇم ۋەتەننى قۇغداش،
چۇنكى ۋەتەن ئۇيۇمگە ئوخشاش.
جاپالارغا بىرىمەن بەرداش،
داۋان ئاتلاپ ۋەتەن يۇلىدا.
گۇللە ۋەتەن ئەزىز دىيارىم،
ئەي-سۈيۈملۈك ئانا ماكانىم.
چېچەك ئاچار ئارزۇ-ئارمانىم،
بولسام خاراپ ۋەتەن يۇلىدا.
ئۇندىدار:13699976214
127 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-21 22:58:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|