كۆيۈك - ئ‍ىمىنجان ئابدۇرىھىم

 كۆيۈك 

ئ‍ىمىنجان ئابدۇرىھىم


ئ‍ەجەپ ھە! سۆيگۈ دېگەن ئ‍اتەش ئ‍ىكەن،
بۇ ئوتتا كۆيمىگەنلەر بىلمەيدىكەن·
قىل كەبىي تولغانسىمۇ ھارارەتتە،
بىر ئ‍ۆمۈر كۆيۈك ئ‍وتتا ئ‍ۆلمەيدىكەن·

يانتاقىنىڭ تىكىنىگە كۆيۈپ قالساڭ،
كۆرۈمسىز كۆرۈنەركەن گۈلنىڭ بەرگى·
دۇنيادا ھەممىدىن ئ‍اق بىلىنەركەن،
ناۋادا سەن كۆيگىنىڭ  بولسا زەڭگى·

سۆيگىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئ‍اققاندا،
تۇيۇلار بۇدۇنيادا شاتلىق يوقتەك·
مەنىلىك كۈلسە ئ‍وماق ئ‍الدىڭدائۇ،
تۇيۇلار ئ‍ۇندىن بۆلەك شاتلىق يوقتەك·

بۇ كۆيۈك شۇنداق كۆيۈك ئ‍ەبەدىيلىك،
بىر كۆيسە باشقىسىغا كۆچمەيدىغان·
بۇ كۆيۈك شۇنداق كۆيۈك ئ‍وت ئ‍ۆچسىمۇ ،
سېرىق داغ يۈرىكىدىن كۆچمەيدىغان·
     





59 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ىمىنجان ئابدۇرىھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 16:22:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ