مۇھەببەتكە خىتاب (شېئىر) - رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى

مۇھەببەتكە خىتاب

رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى

يۈرىكىمنى يالقۇنلۇق ئوتقا سالدىڭ مۇھەببەت ،
ھەر تۈنلەردە ئۇيقۇمنى ئېلىپ قاچتىڭ مۇھەببەت،
شىرىنلىكتە بەخىتمۇ تەقدىم قىلدىڭ مۇھەببەت ،
كۈنلىرىمگە ھەر مەنا بەخىش ئەتتىڭ مۇھەببەت .

سەن بولغاچقا ئۆزۈمنى ھېس قىلىمەن قۇشلاردەك ،
كۆكتە ئەركىن قاناتلار قېقىپ يۈرگەن ئەنقادەك ،
سەن بەرگەن شۇ كۈلكىلەر بىلىنىدۇ دۇنيادەك ،
چىن سۆيگۈنىڭ تەپتىدە بىھۇش قىلدىڭ مۇھەببەت .

ئەلۋەتتە بار سېنىڭدە مۈشكۈل سىناق ۋە ھىجران ،
قىلسام دەيمەن مەڭگۈلۈك ئەقىدەمنى ھۆكۈمران ،
سەنسىز دۇنيا ئۇ ماڭا گويا زۇلمەت زىمىستان ،
بۇلۇپ قالسا مۈشكۈلات مەدەت بەرگىن مۇھەببەت .

《مۇھەببەت》دەپ يېزىلدى شېئىر، چۆچەك ۋە كىتاب،  
بۇزۇلمىسۇن ئەقىدە بۇلۇپ قالما سەن بىتاپ ،
جۈپ يۈرەكلەر نامىدىن قىلاي ساڭا مەن خىتاب ،
سۆيۈشكەننى ھەرگىزمۇ ئايرىمىغىن مۇھەببەت .

2017-يىلى 1-ئاپرېل





179 قېتىم كۆرۈلدى رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 17:47:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 22:04:05
愿所有人都能找到自己的幸福
2017-4-1 22:50:10 ئەلھېكمەت
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ! مۇھەببەتنى شېئىرىي تىل ئارقىلىق جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ!☺
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ