‎خىيالىمدا ئۆچمەس بىر تۇيغۇ - ‎مەردان ئېزىز

 خىيالىمدا ئۆچمەس بىر تۇيغۇ  

‎مەردان ئېزىز    تارىم ئوغلى     قەلىمى


‎خىياللىرىم ئۇچتى نەلەرگە،
‎بۇزۇلغاچقا كېچىدە ئۇيقۇ.
‎يالقۇنلىدى ئويغۇنۇپ شۇئان،
‎خىيالىمدا ئۆچمەس بىر تۇيغۇ.

‎ھەسرەتلىرىم مېنى قىينىدى،
‎ئەجەل كېلىپ جاننى ئالمىدى.
‎يالقۇنلىدى ياكى ئۆلمىدى،
‎خىيالىمدا ئۆچمەس بىر تۇيغۇ.

‎دىل بېغىڭدىن قوغلىدىڭ مېنى،
‎چىن يۈرەكتىن سۆيگەنتىم سېنى.
‎نەپرەت بىلەن ئۆرتىدى مېنى،
‎خىيالىمدا ئۆچمەس بىر تۇيغۇ.

‎ھېچ كىشىدىن كۈتمەيمەن ۋاپا،
‎ئىنسان زاتى سالدى كۆپ جاپا.
‎يالقۇن بولۇپ لاۋۇلدار يانا،
‎خىيالىمدا ئۆچمەس بىر تۇيغۇ.

‎2016-يىل  23-ئۆتەبىر (星期日)
‎كېچە سائەت 12:47 (乌鲁木齐)

     





201 قېتىم كۆرۈلدى mardan002 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-25 12:32:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ