كېچە

كۆكتە سانسىز قارا بۇلۇتلار،

ئۈزۈشمەكتە شەرىققە تامان.

 ئاندا-ساندا ئاينىڭ نۇرلىرى،

 يۇلتۇزلاردىن ئەسەر قالمىغان.

 

 بەكمۇ شىرىن چۈشلەرگە غەرىق،

 كەڭرى زىمىن ئۇيقۇغا پاتقان.

ئويغىنىدۇ چۆچۈپ ئېھتىمال،

گۈلدۈرماما قىلغاندا غەليان.

 

 تەۋرەتكەنچە قاقشال شاخلارنى،

 جۇش ئۇرماقتا بىر ئاچچىق شامال.

بىر ئۆزۈمدىن باشقا ھەممە يەر،

قاپقاراڭغۇ سىرلارغا تولغان.

 

-ئىزچى





241 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 15:32:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ