جېنىم دادام ، قايتىپ كەلسەڭ بىر قېتىم
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
كەلسە دادام ، كۆرۈۋالسام بىر قېتىم ،
قۇچاغىدا يېتىۋالسام بىر قېتىم ،
سىيلىۋالسام ئاق ياقۇپتەك چېچىنى ،
قېنىپ - قېنىپ سۆيۈۋالسام بىر قېتىم .
چۈشلىرىمگە كىرسە دادام بىر قېتىم ،
ئوغلۇم دېسە ، تاتلىق كۈلۈپ بىر قېتىم ،
دەرتلىرىمنى دېمەستىمغۇ زادىلا ،
پېشاينەمگە سۆيۈپ قويسا بىر قېتىم .
كەلسە دادام ، ناخشا ئېيتساق بىر قېتىم ،
خامان لاي -لاي توۋلاپ باقساق بىر قېتىم ،
چەچلىرىمنى كۆرۈپ باقسا خوش بولۇپ ،
بىللە سەيلە قىلىپ باقساق بىر قېتىم .
دادا دېدىم ، كەلمىدىغۇ بىر قېتىم ،
يىغلىساممۇ سەزمىدىغۇ بىر قېتىم ،
كەلگىن دادا ، سېغىندىمغۇ بەك ئەجەپ ،
ئاڭلاپ باقساڭ ، دەردلىرىمنى بىر قېتىم .
تۇيۇقسىزلا ئۇچۇپ كەلسەڭ ، بىر قېتىم ،
قوللىرىڭنى تۇتۇپ قويسام بىر قېتىم ،
سېغىنىشتا قىينالدىمغۇ ، بىلەمسەن ؟
جېنىم دادا ، قايتىپ كەلسەڭ بىر قېتىم .
52 قېتىم كۆرۈلدى |
turhun |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-26 14:24:22 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ