يۈرەيلى بىز (شېئىر) - تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن

 يۈرەيلى بىز
 تاھىرجان ھېيىت

ئارىمىزدا قىيداش  ئاغىرنىش بولمىسۇن يايرىم،
شىرىن مۇھەببەت سۆيگۈدىن يايرىسۇن دىلىمىز.
چىن مۇھەببەت سۆيگۈ ۋىسالى ئۆمۈرلۈك بولۇپ،
ۋىسال قۇچسۇن سۆيگۈ مۇھاببەت بولسۇن تويىمىز.

يۈرەيلى  بىز  مېھرى  ۋاپا  ساداقەت  بىلەن،
كۆڭۈل ئازارلىقى قېيدىشىپ كەلمىسۇن ئەلەم.
چىن مۇھەببەت سۆيگۈسى ئايرىلىش ئەمەس،
بوپ قالمىسۇن بىزلەرگە كۆڭۈل خوش ھەۋەس.

يۈرەيلى بىز ئەي گۈلۈم ۋىسال قۇچايلى،
تەقدىر قوشسا  بىر كۈنى تويلار قىلايلى.
بىربىرىمىزگە قىيداپ ئازغىن ئىش ئۈچۈن،
نازۇك كۆڭۈل يۈرەككە ئازاب سالمايلى.

يۈرەيلى بىز سۆيگۈ مۇھەببەت چىمەن بېغىدا،
يۈرىكىمىزمۇ شادلانسۇن ۋىسال تويىمىزدا.
ئايرىلمايلى ئۆمۈرلۈك لەيلى مەجنۇندەك،
مۇھەببىتىمىز چۈمۈلىسۇن بەخت نۇرىغا.

تېكىست ئاپتورى.باي خەلق ئوغلانى تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ.ئىشلەتسىڭىز ئىزدەڭ.
تېلېفون ئۈندىدار.  13150331763
2016 - يىلى  12 - ئاينىڭ  12 - كۈنى
گۈزەل باي دىيارى
 





248 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 7:12:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 2:17:16 مۇھەممەد ئەركىن
مەن بۇ قېرىندىشىمنىڭ شېئىردا ئاھاڭ دېگەن نەرسە كۆرمىدۈم ،بەك تۇراقسىز چىقىپ قاپتۇ ،ئەگەر تېخىمۇ كۆپ تەكلىپ پىكىرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدارىمنى قوشۇڭ ،مەن سىزگە بىر قانچە مىساللارنى كەلتۈرۈپ بېرەي .15981791934بۇ ئۈندىدارىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ