كىتاب ۋە بىز
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
كىتاب ئۈزۈلمەس سىمفونىيە ، بىز ئاڭلارمەن . ھەرقانداق بىر كىتاب ئۆزىنىڭ مۇڭ ھىسلىرى بىلەن كىشى كەلبىنى لال قىلىدۇ . ئۇنىڭ زىكىرلىرى قۇلاق تۈۋىڭمىزدە ياڭرىسا ، ھۇجۇدىمىز ئىپتىخارلىنىدۇ ، يۈركىمىز لەرزىگە كېلىدۇ . ئۇ سىمفۇنىيەنىڭ ھەر بىر ئۇرغىلىرىدىن مىھىر بالقىپ تۇرىدۇ،شۇ مىھىرلەردىن مىسكىن قەلبىمىز ئالامچە شادلىققا تولىدۇ . بۇ سىمفونىيە مەڭگۇ ياڭرايدۇ ، ئۇ ئەىۋلاتىن ئەۋلاتقا ئاداققىي مىراس قالىدىغان قىمىتلىك بايلىق . كىتاب ياڭراتقان ئابىي چەشمىلەر قەلىپ ئىزگۈلىرىنى ئويغىتىدۇ .
كىتاب ئەقىل بۇلىقى ، بىز چاڭقىغان سەيياھ . ئۇ بۇلاق ئابىي ھايات شەربەتلىرى بىلەن چاڭقىغان ھىسلىرىمىزغا ھاياتىي كۈچ بەخىش ئىتىدۇ . ئۇ بۇلاقنىڭ كەۋسەر سۇلىرىدىن رىزىقلانغان ھەر قانداق بىر تەن ئۆز تومۇرلىرىدا ئاققان ، كىتابدىن ئىبارەت ئەقىل بۇلىقىنىڭ ئىزگۈلىرىگە جۈر بولۇپ جاھان تامان يۈرۈپ كېتىدۇ . ئۇ بىلىمگە ئىنتىزار بولغان ، قاغجىرغان قەلىپلەرنى ياشنىتىدۇ .
كىتاب چۆچەكلەر خەزىينىسى ، بىز ئەلەيلىنىۋاتقان بوۋاق . بىز كىچىك ۋاقىمىزدا شۇ خەزىينىگە ئىرىشىپ بالىلارچە تەپەكۇرىمىزبىلەن خىياللار دۇنياسىغا جۆر بولغان . ياغاچ ئات بىلەن ئاسماننى سەيىر قىلغان ، خانتەڭرى ئاتلىرىغا مېنىپ ، قولىمىزغا ھەققانىيەت شەمشەرلىرىنى ئىلىپ گاھ چۆل – جەزىرىلەردە ، گاھ تاغ – داۋانلاردا يۈرۈپ ۋەتەن قوغداش ئۇرىشىنىڭ ئالدىنقى سىپىدە باھادىرلارچە جەڭ قىلغان ، ۋە ئەل – يۇرت دۈشمەنلىرترىنىڭ كۆكرىكىگە نەيزە كەبىي سانجىلغان .
كىتاب بۈيۈك ئۇستاز ، بىز ئوقۇرمەن . ئۇ ئۇستاز بىزگە ئىلىم – مەرىپەت ئۈگۈتۈپلا قالماي ، ھايات سىناقلىرىغا ، تۇرمۇش دۇقاللىرىغا دۇچ كەلگەندە قانداق تاقابىل تۇرۇشتىن تارتىپ ، سۆزلەش ، يىزىش ، كۆرۈش ، ئاڭلاش بولامدۇ تۇرمىشىمىشدىكى ھەربىر ئۇششاق ھالقىلارغىچە ، تۇرمۇشقا كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن ئەمەس ، ئەقىل
كۆزىمىز بىلەن قارشنى ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغاندا ھىكمەت بىلەن غالىپ كېلىشنى ئۈگەتتى . كىتابدىن ئىبارەت ئۇستاز بولغاچقىلا بىز ھەرقانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغىنىمىزدا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈگەندۇق . ئارىمىزدىن كىم ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىرىشەلىسە قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان چىدام ، غەيرەتكە ئىگە بولدى .
كىتاب شادلىق ئەلچىسى ، بىز مىسكىن قەلىب . كىتاب ئۆزىنىڭ ساماۋىي قۇدۇرتى بىلەن مىسكىن دىللىرىمىزغا سادلىق بەخىش ئەتتى . ئۇ بولغاچقىلا ھەرقانداق قايغۇ ئۈستىدىن غەلبە قىلالالىدۇق ، ئۇ يالغۇز قالغان تەنھا قەلىبلەرگە مۇڭداش بولدى . تەنھا قەلىبلەر ئۇنى قىيامەتلىك دوستى بىلىپ ، كۆڭۈل ھىسلىرىنى ئورتاقلاشتى . بىز ئۇنىڭ ئاددىي ، ئەمما گۈزەل ، سىخىي ، ئەمما مىھنەتسىز بەتلىرىگە قاراپ ئاتا – بوۋىلىرىمىز مىھرى بىلەن قالدۇرغان ساماۋىي پۈتۈكلەردىن ئۇلارنىڭ ھىدلىرىنى ھىدلىدۇق .
كىتاب خىسلەتلىك مەشئەل ، بىز تىمتاس كىچە . مەشئەل نۇر بىلەن تىمتاس كىچىنى يورۇتقىنىدەك ، كىتابمۇ ساماۋىي نۇرلىرى بىلەن روھىيەت دۇنيارىمىزنى يورىتىدۇ . ئۇنىڭ نۇرلىرىدىن قاراڭغۇ دىللار شادلىنىدۇ ، ناردانلىقنىڭ زۇلمەت باسقان قاراڭغۇلىقى ئۇنىڭ ئۆتكۈر نۇرلىرىغا يەم بولۇپ ئازاپ بىلەن نالە قىلشىدۇ . زىمىستان كىچىلەردە چىراققا پەرۋانىلەر مەستانە بولغان بولسا ، ھاياتلىق ئالىمىدە كىتابدىن ئىبارەت نۇرلۇق مەشئەلگە ئىلمنى ئۆزىگە ئاشىنا بىلگەن كۆڭۈللەر زار بولىدۇ . باغۋەنلەر كىتابدىن ئىبارەت نۇرانە مەشئەلدىن تۇتام – تۇتاملاپ ئوتلارنى سورۇشۇپ تۈمەنلىگەن بىلىمگە تەشنا قەلىپلەرنى قاندۇرىدۇ . بىلەمسەن كىتاب ؟ سەن مەشئەل بۇپ يانغىنىڭدا تۇمەنلىگەن بىلىمگە تەشنا بولغان خەلىق بولمىش بىز ، ساڭا ھۆرمەت بىلەن قارايمىز . سېنىڭ يالقۇنجاۋاتقان ئۇتلۇرۇڭغا قەدىمكى ئاتا – بوۋلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس كۈچ – قۇدۇرتى مۇجەسسەملەنگەن . سېنىڭ ھەربىر قورلىرىڭنى ئىزلىغان بىز پۈتمەس – تۈگۈمەس ئالتۇن جاۋاھىراتلارنى سۈزىۋالىمىز قەدىمكىلەر < چىراغ يىقىپ يورۇق ئال ، كىتاب يىقىپ بىلىم ئال > دىگەندەك .
كىتاب – ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ روھىي ئوزۇقى ، قىمەتلىك ئەڭگۈشتۈرى ، گەپ ئۇنى توغرا تونىشتا ، ھەم توررا بايقاشتا ، ئۇ ھىكمەت خەزىنىسى ، ئۇنىڭدا جاھاندىكى ئەڭ كاتتا پادىشاھنىڭ خەزىنىسىنىڭ نەچە ھەسسىسىدەك بايلىق بولسىمۇ ئوندەن بىرىگە تەڭ كەلميدىغان ھىكمەت خەزىنىسى ئورۇن ئالغان . ئۇ بىر ئىلىم مەكتىۋى ، ئۇنىڭدا ھەممە جاھان ئەھلى ئوقۇشىدۇ . بەزىلىرى ئالىم بولىدۇ ، بەزىلىرى زالىم بولىدۇ ، بەزىلىرى شاھ بولىدۇ ، بەزىلىرى گاداي.
ھىكمەتكە خەزىينە كىتاب ،
ھۆرمەتكە مەدىينە كىتاب .
ئوقۇ دەپ دائىم بىزگە ،
دانالار قىلغانتى خىتاب .
ئۆلمىدى قۇدادغۇ بىلىگ ،
ئۆلسىمۇ بىر – بىرلەپ ھايات .
ئۆلمەيدۇ تۈركى دىۋانى ،
چۇنكى ئۇ شاھانە كىتاب .
تەۋپىقنىڭ مەشئىلى يانغان ،
بولغىن دەپ ئىلىم شەيداسى .
ئۆزگەرمەس ئۈشبۇ ھەقىيقەت ،
خار بولماس كىتاب ئاشىناسى .
كىتاب ئۇ ھەركىمگە راۋا ،
شەربىتى تەشنا قەلىبنىڭ .
كىتابدا ئىزلىرى قالغان ،
تارىخنى يازغان ئەدىبنىڭ .
.........................
..........................
--- كىتاب ناملىق ناخشىدىن
( بۇ نەسىرىمنى 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياش قەلەم تور مۇلازىمەت مەركىزىمىزنىڭ < بىر كىتاب بىر ئالەم > تىمىسىدىكى چاي – سۆھپەت پائالىيتىدىكى بارچە بىلىم سۆيەر قىرىنداشلىرىمغا تەقدىم قىلدىم )
ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئۈندىدار : 2041420859
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى . ئۈرۈمچى
| 159 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-21 19:55:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|