ئۇ مىنىڭ دادام

  ئۇ مىنىڭ دادام


ئاپتۇرى :ئەيساجان يۈسۈپ 


  دەپ يۈرمە ئۇنىڭكى كىيگىنى كونا،  

يىگىنى زاغرا نان ۋە ياكى موما   .  

 ئىشلەيدۇ بىز ئۈچۈن ئىتىزدا-تاغدا،

   كىمكىن دەپ سورىما ئۇ مىنىڭ دادام.


  بالام دەپ جاپانى يەتكۈچە تارتقان،     

بىز ئۈچۈن جاپادىن خۇشاللىق تاپقان.

چىھرىدىن كۈلكىلەر ئۈزۈلمەي ياغقان،

كىمكىن دەپ سورىما ئۇ مىنىڭ دادام.


چىھردىن كۈلكىلەر تارايدۇ ھەرچاغ،    

    بىز ئۈچۈن قالقاندۇر ھەيۋەتلىك بىر تاغن.

 ياسايدۇ بىز ئۈچۈن سايىۋەن بىر باغ،    

 كىمكـىن دەپ سـورىما ئۇ مىـنىڭ دادام .


بەستىلىك ياراشقان باتۇر سىــماسى،     

ياراشقان باش كىيمى ئۇنىڭ جۇلاسى.    

پەخىرلنىپ كۈيلەي مەن ئۇنىڭ سىياقى،

كىمكىن دەپ سورىما ئۇ مىنىڭ دادام.    

 





146 قېتىم كۆرۈلدى FAREStjk ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-12 0:36:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ