دوست تۇتقىچە ئىت باقاي دىدىم
تۇرسۇنجان غوپۇر
دوس مىھرىگە مىڭ تەشنا ئىدىم،
باغرىم ئېچىپ، دەرت ئازار يىدىم.
(ئىت)تىكى ۋاپا دوستتا يوق ئىكەن،
دوس تۇتقىچە ئىت باقاي دىدىم.
سادىق بولدۇم دوستۇم دىگەنگە،
گۈلنى ئالدى، قالدىم تىكەنگە،
ئىشەك قىلدى ھەتتا يۈگەنگە،
دوست تۇتقىچە ئىت باقاي دىدىم.
مىڭ ياخشىدىن يوقتۇر ھېچ ئىزنا،
بىرنى خاتا قىلسام چوڭ گۇناھ،
ئادەملىرىڭ يۈزسىزكەن دۇنيا،
دوس تۇتقۇچە ئىت باقاي دىدىم.
ئىچ سىرمنى كۆرسەتتىم يۇلۇپ،
چىتقا يايدى چاۋامنى چۇۋۇپ،
خەنجەر ئۇردى ئارقامدا تۇرۇپ،
دوس تۇتقىچە ئىت باقاي دىدىم.
بىرنى شىرىك قىلسام بارىمغا ،
ئاشنا بولدى ھەتتا يارىمغا،
ياشلىرىمنى قاتتى (تارىم) غا،
دوس تۇتقىچە ئىت باقاي دىدىم.
ئىت چىغىدا ئالدىمدا قاۋار،
لىكىن دوسلار ئارقامدىن تالار،
پۇتۇم تۇتۇپ، يلىكىم شورار،
دوس تۇتقۇچە ئىت باقاي دىدىم.
ئىتقا كۈندە بەرسەممۇ يۇندا،
ساداقەتنى قىلمايدۇ گۇڭگا،
دوس دەپ داغدا قالغۇچە بۇندا،
دوس تۇتقىچە ئىت باقاي دىدىم.
يالغان كۈلكە ئالدىمدا كۈلگەن،
ئېغزىدا گۈل، قەلبىدە تىكەن،
دوس دىگەننىڭ بەرى خۇمسىكەن،
دوس تۇتقۇچە ئىت باقاي دىدىم.
ۋاپاسى يوق، رەزىل نەسلەردىن،
نامى گۈزەل ،روھى پەسلەردىن،
يىراق يۈرۈپ يامان قەسلەردىن،
دوس تۇتقۇچە ئىت باقاي دىدىم.
(بەرى ـــــ ھەممىسى)
2016-6-16 (يېڭسار)
200 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرسۇنجان غوپۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-23 0:06:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|