ھاياتقا خىتاپ
تەغدىر خاقانى سۆيگۈ بەتلىرىگە جۇدالىق تامغىسىنى بېسىپ بىزنى ھىجران كىمىسىگە سېلىپ ئازاپ دېڭىزغا سۈرگۈن قىلغان شۇ دەملەردە ۋىسال يامغۇرىغا تەشنا بولغان ئاجىز يۈرەك گۈلۈم دەپ تىپىرلايدۇ .
ئاسمانغا قارىدىم كۈتكەن ۋىسال يامغۇرىدىن ئەسەر يوق .
كۈزۈمدىن ھەسرەت ياشلىرى تۈكىلىۋاتىدۇ.
ھايات ھۈكۈمرانلىق تۇيغۇسىدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ ئۆز غەلبىسىگە تەنتەنە قىلماقتا. مەن بولسام تەنھالىق چۆلىدە لىققىدە ئازاپ قاچىلانغان ھىجران سومكامنى يۈدۈپ دەرت-ئەلەمگە مۇڭداش بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن.
ھاياتنىڭ بۇ قىسمەتلىرىگە قاراپ كۈلدۈم.
ھاياتقا شۇنداق بىر خىتاپ قىلدىم-
ئاڭلا ھايات!
شۇنداق نەزەر سالىدىغان بولساڭ تۇرمۇشنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىردىن ئاشىقلارنىڭ مۇڭلۇق مۇھاببەت كۈيلىرنى ئاڭلىيالايسەن.
ئاشىقلار بىر ئۆمۈر تىرشىپ ئاران بىركۈن كۈلەلەيدۇ .لېكىن ئۇ شۇ بىر كۈنگە رازى.
ھەقىقى ئاشىق مۇھاببەتنىڭ شىرىن مىۋىسى بولغان ئازاپنى ھىجران سومكىسىغا سېلىپ مۇھاببەت يولىدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىشقا رازىكى ئۆزى پەرۋىشلەپ ئۆستۈرگەن مۇھاببەت گۈللىرىنى خازان قىلمايدۇ .
مىنى ئازاپ ئىچىدە جۇدالىق چۆلىگە سۈرگۈن قىلىش سەن ئۈچۈن خۇشاللىق بولسا ساڭا شۇنداق جاۋاپ بىرىمەن-
-گۈلۈم ئۈچۈن ھەممىسى گۈلۈم ئۈچۈن .
خوتەن ئوغلى
2016/10/29كورلا
163 قېتىم كۆرۈلدى |
hotanogli |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-7 1:39:44 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ