ئازغۇن روھ
گۈلنىسا نىياز نەفىسە
ئازىدىكەن ئىنسان دىگەن ھاياتىدا،
ياخشى -يامان كېچىكلەرنى كېچىپ تۇرۇپ.
ساۋاپ ئۈچۈن جان تەسەددۇق دەپ تۇرسىمۇ،
گۈل دەيدىكەن ،كۈندە ئازغان تېرىپ تۇرۇپ.
قايرىپ قويۇپ بىر چەتكىلا توغرا يولنى،
ناتوغرىدا ماڭىدىكەن چېپىپ تۇرۇپ.
ئالدىڭىزدا ماختاپ سىزنى خۇش ئەيلىتىپ،
كەينىڭىزدىن تىللايدىكەن خەندان ئۇرۇپ.
ئىنسانلىقتا بىربىرىگە قۇرۇپ توزاق ،
ياشايدىكەن نائىنسابلىق قىلىپ تۇرۇپ.
ئۆز نەپسىگە چوغ تاتىپ ھەم باشقىلارنى،
قۇربانلىققا ئۈندەيدىكەن بىلىپ تۇرۇپ.
تىلەپ قويۇپ ئۆزگىلەرگە ياخشى تىلەك،
دىل بۇزاركەن ۋەدىسىدىن تىنىپ تۇرۇپ.
كىلىپ كېتەر قىسقىغىنە بۇ ھاياتتا،
نا شۈكۈركەن بۇ دۇنياغا قېنىپ تۇرۇپ.
ۋىجدانىڭنى يوقىتىشتىن ساقلانمىساڭ،
قىينايدىكەن سىناقلىرى ئېزىپ تۇرۇپ.
پۇشايمانغا ئۈلگۈرمەيدۇ ھامان بىر كۈن،
كۆمگەچ سېنى قارا يەرنى قېزىپ تۇرۇپ.
2017 . 3 . 7 .
87 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنىسا نىياز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-11 7:34:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|