يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى - مېھىرنىسا قۇربان

 يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى

مېھىرنىسا قۇربان

ئەجىر قىلىپ قوشتى قاتارغا،
ئېرىشتۇردى گۈزەل تاڭلارغا.
مېھر بېرىپ دائىم ئۇلارغا،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

يوللۇرۇڭغا تەلمۈرەر كۆزى،
يۈرىگىدىن سېغىنار ئۆزى.
سېنى كۆرسە كۈلىدۇ يۈزى،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

ئۆتەر كۈنى بەختىڭنى ئىزدەپ،
دەيدۇ سېنى ئۆچمەس ئىزىم دەپ.
ئەركىلتىدۇ ئوغلۇم قىزىم دەپ،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

ئاتا ئانا بەختىڭ بايلىقىڭ،
يايلايدىغان كاتتا يايلىقىڭ،
بوپ قالمىسۇن يىراق ئارىلىقىڭ.
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

ئۆمرى ئۆتكەن سېنى پەپىلەپ،
ماڭالمىساڭ قولدىن يىتىلەپ.
بار ئۆيىگە يوقلاپ پەتىلەپ.
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

نىمە ئېلىپ يوقلارمەن دىمە،
تاما قىلماس سەندىن ھېچنىمە،
كۈندە بارغىن ھەرگىز ئېرىنمە،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى.

قېنىۋالسۇن سېنى بىر كۆرۈپ،
قېنىۋالغىن سەنمۇ ھەم سۆيۈپ.
پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرۈپ،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

بۇ دۇنيادۇر تۆت كۈنلۈك ئالەم،
بوپ قالمىسۇن تۇيۇقسىز ماتەم.
ۋاپادار بول ئەقىللىق ئادەم،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-ئاناڭنى.

سەن ئەمەسمۇ يۈرەك پارىسى،
ئۆلۈپ كەتسە يوقتۇر چارىسى،
كۆكلىتىدۇ ئۇلار دۇئاسى،
يوقلاپ تۇرغىن ئاتا ئاناڭنى.

2016-11-9 غۇلجا شەھىرى
     





160 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-9 14:38:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ