بىلىپ قال دىلىمدىن قالغان ياقتۇرۇپ

بىلىپ قال دىلىمدىن قالغان ياقتۇرۇپ

 

 يۈركىــــــم قېتىدا بىـــر چوغ يېــلىنجاپ ،

 مۇھەببەت بالقىيدۇ سەن ئۈچۈن نىگار .

ـ ۋىـــــــسالىڭ كويــــىدا بېـــقىپ يــولۇڭغا ،

 چارچـــــىغان كۆزۈممـــۇ ســاڭا ئىـــــــنتىزار .

 

 تەلپـۈنەر بوغۇم ھەم مىسرالـــــىرىممۇ ،

 قەلــىمىم تەۋرىـگەن ئاشىــق بــــــېتىدە .

 تاتــــــلىغىم پـــــــاتىمە كـــــۈلــۈشـــلىرىڭمۇ ،

كەتمەيدۇ ھەرۋاقىــت كــۆزۈم قېتىدە .

 

 چىن پۈتتۈم ھەقىقى كۆڭۈل خانەمدىن ،

 يېگانەم ئۆزۈڭگە بىر جاي ئاخـــتۇرۇپ .

 ئېھتىمال سۆيگۈمدىن بولساڭ دەرگۇمان ،

 بىلىپ قال دىلىمدىن قالغان ياقتۇرۇپ .

 

 سەن بىلەن مەڭگۈگە ئۆتسەمكەن دەيمەن ،

 دىلــخانەم، سۆيگۈمگە قىلىپ بىر تەخىت .

 ئۇزاتقىن قولۇڭنى گۈل چېھرىڭ بىلەن ،

 《ئۆركەش》ئۇ مەڭگۈلۈك ساڭىلا بەخىت .

 

— نۇرئېلى ئابابەكرى - ئۆركەش

 2015-يىل 10-سېنتەبىر

چىن يۈرەكتىن سۆيگەن پاتىمەيىمگە بېغىشلايمەن !!!





166 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئېلى ئابابەكرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-10 23:30:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-25 22:51:47 نەرگىز
بۇ شېئىر شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ ، مەن بەكلا ياقتۇردۇم ، ئ‍ۇكام تېخىمۇ تىرىشىڭ ، كەلگۈسىڭىز پارلاق ،ئ‍اللاھ ئ‍ىشلىرىڭىزنى ئ‍اسان قىلسۇن !!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ