يارسىز يۈرسەڭمۇ
مەمەتجان باش كارۋان
يارسىز يۈرسەڭمۇ كەملىمەيدۇ ئۆمرىڭ،
بەلكىم يىراقلار غەم ۋە ئەندىشىلەر.
ۋەياكى قوشۇلۇر ھاياتقا مەنە،
ھېس قىلساڭ بەلكىم ياشنايدۇ يۈرەكلەر.
چىن، ھەق سۆيگۈ دەپ ئېيتىدۇ بەزىلەر،
ئەمما بارمايدۇ ئۇزۇنغا مەڭگۈگە.
پەقەت ئۇ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ،
بىر ئايلىنىپ ئولغا تەڭداش زامانگە.
بولدى كەت يالغان ئەقىدىلەر يىراق،
قوي مېنى چىن سۆيگۈگە سادىق پېتى.
ئەمدى سۆيمەسمەن سېنىڭدەك كىشىنى،
مەن يالغۇر سۆيگۈم ساپ پېتى.
يۈرۈپ كەتتىم يالغۇز كوچامدا،
بىلىندى بەزىدە ھايات مەنە تاپقاندەك.
دېدىم ئۆزۈمگە يالغۇز ئۆتسەممۇ،
ساپ مۇھەببەت بىلەن تەڭداش بولاي دەپ.
گەر ھەۋەسلەر قىينىسىمۇ تېنىڭنى،
ئازما بولۇپ شەيتانغا ئاشىق بىقارار.
چىن سۆيگۈگە قىلىپ خىيانەت،
ھەق ئۈچۈن تىرىشقانلىرىڭ بىكار.
91 قېتىم كۆرۈلدى | bashkarwan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-10 18:23:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|