قايتىپ كەل گۈلۈم - مەردان ياقۇپ (غۇلجا)

قايتىپ كەل گۈلۈم
مەردان ياقۇپ (غۇلجا)


تەڭ قىسلىقتا قويدۇڭغۇ دۇنيا،
يەنە ئ‍ازاپ چەكسۇن دېدىڭمۇ.
كۈلۈش ئ‍ۈچۈن تەمشەلگەن ئ‍ىدىم ،
ئ‍ازاپ چېكىپ ئ‍ۆلسۇن دېدىڭمۇ ،

قولغا قەلەم ئ‍الغۇم يوق ئ‍ىدى ،
ئ‍ال سۆزۈڭنى  يازغىن دىدىڭمۇ ،
بىلىپ تۇرۇپ ئ‍اجىزلىقىمنى ،
يىغلاپ تۇرۇپ كۈلگىن دېدىڭمۇ ،

ئ‍اڭلا گۈلۈم يۈرەك سۆزۈمنى ،
مەن سۆيگەندەك سۆيەلىدىڭمۇ ،
سۆيۈلگەنلەر خاندەك يۈرەركەن،
سۆيگەنلەرنى خاركەن دېدىڭمۇ،

غەمسىز ئ‍ىدى ھەر بىر كۈنىمىز ،
يا باشقىنى سۆيۇپ قالدىڭمۇ ،
قول تۇتۇشۇپ ۋەدىلەشكەنتۇق ،
ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ،

شۈكۈر دىمەي قەدرىڭنى قىلسا ،
چىرايلىقنى تاپتىم دېدىڭمۇ،
بىرى كەمدۇر دۇنيانىڭ شۇنداق،
ئ‍ۇنى كۆڭلۈڭ قوبۇل قىلدىمۇ ،

قەدىرلىگىن ياندا بارىنى ،
ھەرقاچاندا بار ئ‍ۇ دېدىڭمۇ ،
يالغۇزلۇققا كۆنگەندە يۈرەك ،
ئ‍ۇسۆيمەيدۇ ئ‍ۆلۈپ بەرسەڭمۇ،

ساڭا مېھىر بەرگەشكە دائىم ،
سەن ئ‍ۆزۈڭنى بىرگۈل دېدىڭمۇ،
گۈلنىڭ ھېددى كۈزگىچە پەقەت
سۆزلىرىمنى سەن چۈشەندىڭمۇ ،

ئ‍ېتىراپ قىل سۆيگۈڭنى گۈلۈم،
سەن ھاياتنى چەكسىز دېدىڭمۇ ،
كۆپتور بەلكىم سېنى سۆيگەنلەر ،
كۈتكەنلەرنى تاپالىدىڭمۇ ،

قانچىلىغان گۈزەل كېچىنى،
ئ‍ازاپ چېكىپ ئ‍ۆتكۈزۋەتتىڭغۇ،
يالغان سۆزلەپ سۆيمەيمەن دېدىڭ
كۆزلىرىڭدىن چاندۇرۋەتتىڭغۇ ،

باشتىن ياشاش ئ‍ۇمۆمكىن ئ‍ەمەس
بۈگۈنۈڭگە شۈكۈر قىلدىڭمۇ
ئ‍اسان ئ‍ەمەس بەخىتنىڭ يولى
تېرىشىشنى ئ‍ويلاپ باقتىڭمۇ ،

ئ‍ۆزگىلەردىن بەخىتنى كۆرسەڭ،
ئ‍امان بولغىن بەختىڭنى تىلەي،
مېنى سۆيسەڭ كەلگىن يېنىمغا،
ماڭا باققىن بەخىتتىن كۈلەي ،

2016/11/14新大
bagwax_____118
     





404 قېتىم كۆرۈلدى mardan118 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-14 20:07:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-12 22:58:28 دىلنىگار
ھەقىقىي مۇھەببەە كېچىدىكى گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ياقۇت..
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ