ئوغرى يىگىت
ئوغرى يىگىت
 
بىھۇش بولدۇم چىھرىڭنى كۆرۈپ ،
 ئ‍ىيتقىن زىبا بۇ قانداق تۇيغۇ .
 كىرىپ چاقماق كەبى قەلبىمگە ،
 كىچىلەردە بەرمىدىڭ ئۇيقۇ .
 
مەجنۇن بولدۇم ئىشقىڭدا كۆيۈپ ،
 تاپالمىدىم قەلبىمگە ئارام .
 گەر ئ‍ۇرۇلسا دىماققا ھىدىڭ ، 
ساقايمامتى بۇ كۆڭۈل يارام . 
 
ساراڭ يىگىت دىسەڭمۇ مەيلى ، 
قاراپ قويغىن ئ‍ەي زىبا بىر رەت .
 كۆڭۈل بەرگىن ئاشىقىڭ بولاي ،
 چۇلغىمىسۇن قەلبىمنى ھەسرەت .
 
 بولۇپ قالدىم بىر ئوغرى يىگىت ،
 پايلاپ سىنىڭ ئارقاڭغا كىرىپ .
 ئىشەنمىسەڭ گەر پاك سۆيگۈمگە ، 
يۈرۈكۈمنى بىرەيمەن يېرىپ .
 
 كۆزلىرىڭنى ئىلىپ قاچمىغىن ،
 شەپقەتسىزلىك قىلما بۇنچىلىك .
 سۆزۈمدۇر بۇ ئاخىرقى مىنىڭ ،
 ھىچكىم كۆيمەس ساڭا مەنچىلىك .
 
2015.يىلى 2.ئاپرېل يەكەن ئەكبەرجان ئ‍ىدىرس ئ‍ەرچىن




374 قېتىم كۆرۈلدى ARQEN ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 10:44:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ