سېغىنىش(شېئىر) - خ ... ئەيسا سابا

سېغىنىش(شېئىر) 

 خ ... ئەيسا سابا


 بىر كۈن خۇددى بىر يىلدەك ئۆتتى،
ھېجرانىڭدا ئۆرتەندى يۈرەك.
بىر ئازاپقا ،مىڭ ئازاپ قوشۇپ،
بوپ كەتتىمۇ كۆڭلۈڭ يا بۆلەك.

تاتلىق ئىكەن، سېغىنىش دىگەن،
ھەسرەت چېكىپ تولغۇنۇپ كەتتىم.
ئۈمۈت ئۈزۈپ كەتكىنىڭ بىلەن،
سېغىنىشتا سېنى يادا ئەتتىم..

بىز ئايرىلدۇق دىمەيمەن ھەرگىز،
قەلبىمدە لىق سۆيگۈ ئەسلىمەڭ،
ئۈمۈت بىلەن كۈتۈمەن يەنە...
چۈنكى باردۇر سۆيگۈ قەسىمەڭ...

سېغىنىشنىڭ ئاي يۇلتۇزلىرى،
كۆز قىسىشىپ تىمتاس كېچىدە،
پارە-پارە قىلدى يۈرەكنى
شىئېر يازدىم  ئازاپ ئىچىدە،

2017-3-7      15299448524
     





82 قېتىم كۆرۈلدى خ ... ئەيسا سابا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-7 13:06:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ