پىنھان - كەتمەنباي

 پىنھانلاردا

كەتمەنباي  

ياشلار تۈكىمەن پىنھانلاردا،
ئازاپلىرىم قىينايدۇ پەقەت.
يالغۇز قالىمەن تەنھالىقتا،
يۈرەكلىرىم ئاغىرىيدۇ ئەبەت.

چۈشىنىشنى خالىماس ھېچكىم،
مىنىڭ ئاشۇ غەمكىن دىلىمنى.
ئايرىلىشنى چۈشەنسە ئۇلار،
ھىس قىلاتتى ئاندىن ئازاپنى.

مەن يالغۇز مەن تەنھالا قالاي،
دەرتلىرىمنى يۈرەككە ئېيتاي.
ئىشەنمىسۇن ھېچ كىشى ماڭا،
بۇ ھاياتتىن ئاستا ئايرىلاي.

يۈرەك قېنىپ كۈلمەس بىر قېتىم،
بۇ ھاياتتىن ئۈمۈت ئۈزدىمۇ.
ئازاپ شۇنچە تىلدى دىلمنى،
جان تالىشىپ ئۆلسۇن دىدىمۇ.

ئۆلسۇن دىسە ئۇلەي بولدى بەس،
ئاڭلاپ قويغىن سۈزۈمنى بىر پەس.
مەن كىتەرمەن مەڭگۈگە ئەبەت،
سەن قالارسەن ئۈزۈڭنى بەزلەپ.

سۈزمنىمۇ توختىتاي ئەمدى،
سەنمۇ قالغىن ئاسرا ئۈزۈڭنى.
ساڭا گەپ قىلىپ بەكلا چارچىدىم،
گەپ قىلماسمەن بىلگىن سەن شۇنى.

نىمىشقا دەپ سۇئاللار سورىساڭ،
ساڭا گەپ قىلىپ ھالىم قالمىدى.
كەتمىسەڭچۇ يېنىمدىن دىسەڭ،
مەندە پەقەت جەسەتلا قالدى.

كىرەك بولماس جەسىتىم ساڭا،
چۈنكى مەن ئۆلگەن ئىنسانمەن.
يىغلىمىغىن قىينىما ئۈزۈڭنى،
يۈرەكلىرى ئاجىز ئىنسانمەن.
     





58 قېتىم كۆرۈلدى katmanbay ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-15 17:00:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ