بىۋاپا - ئېلىجان ئابدۇكىرەم بارچۇق ئوغلى

 بىۋاپا

ئېلىجان ئابدۇكىرەم  بارچۇق ئوغلى

كۈلگەن بىلەن نازلىپ يالغان كۈلەدۇر بىۋاپا،
سۆيگەن بىلەن ياربىلىپ يالغان سۆيەدۇر بىۋاپا.
كۈتكىنىدەك تۇرسىمۇ دائىم يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ،
سېنى ئالداش قەستىدە يالغان كۈتەدۇر بىۋاپا.

ئۇچرىغانغا كويدۇ بىقارار بوپ ھەرزامان،
چىن ۋاپانى خارقىلىپ يالغان كۈيەدۇر بىۋاپا.
تۇرقى ئۇنىڭ تۇرسىمۇ زەپ كىلىشكەن بىر جانان،
بەختى ئىخبال يولدا يالغان يۈرەدۇر بىۋاپا.

بىۋاپانى يار بولۇپ قالما ئۇنىڭغا ئالدىنىپ،
سېنى يار دەپ سەن بىلەن يالغان ئۆتەدۇر بىۋاپا.
سۆيگۈنى دەك تۇرسىمۇ قوللىرىڭنى چىڭ تۇتۇپ.
ھەر سۆيۈشتە لېۋىڭدىن قان ئىچەدۇر بىۋاپا.

بىۋاپانىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ھەرگىز ياخشىلىق،
ياخشىلارنى كۆرسىمۇ يالغان كۆرەدۇر بىۋاپا.
ئۈشبۇ نامەرد تۈلكىدىن پەيلى ھازازۇل ياخشىدۇر،
چىن ۋاپادار يارنىمۇ يالغان كۆرەدۇر بىۋاپا.


ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلشىڭ

ئۈندىدار 2318334127

     





34 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-6 22:41:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ