مەن كىتەي
مەن كىتەي ،ئۈنسىز كىتەي ساڭا بولغان ئوتلۇق مۇھەبىتىمنى ئالغاچ كىتەي،
ۋۇجۇدۇمدا قان بولۇپ ئۇيىغان جاراھەتلىك قەلبىمنىڭ زارىغا پەرۋامۇ قىلماي كىتەي،
سېنىڭ ئىشقىڭدا قۇل بولۇپ ، بىر سۆيشىڭگە تەشنا بولغان قەلبمنى مەڭگۈللۈك زولمەت تۈرمىسىگە مەھبوس قىلدۇرۇپ كىتەي،
سەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى سۆيگۈ كارتىنىلىرغا سىۈپىتىدە چوڭقۇر دىڭىزغا غەرىق قىلىپ كىتەي،
بۇنىڭ سىرىنى بولسا چوڭقۇر دىڭىزلا بىلىپ قالسۇن ، بولدى مەن كىتەي جېنىم.
مەن ھاردىم سېنىڭ غوۋاللىق پەردىسگە ئۆز قوينىغا ئالغان سۆيگۈڭنى كۈتۈپ ھاردىم ، سەن يەنە شۇ ئايىقى چىقماس شۇ ئويۇللۇرۇڭ بىلەن ئالدىراش ، خەيرى جېنىم سەن مۇھىم بىلگەن سۇ ئىشلىرىڭ بىلەن يۈرگىن، مەنمۇ ھاياتىمنىڭ يېڭى قەدەمىلىرى ئۈچۈن كىتەي ،
ئەبەدىيلىك مۇقامى قۇچاق ئاچمىغان بۇ سۆيگۈمىزنى يۈرۈكۈمگە تېڭىپ، ھىجىران چۆلىدىن يىڭى بىر ھاياتلىق ئىزدەپ كىتەي،
مەن كىتەي جېنىم ئەمدى مېنى چاقارمىغىن ،يېنىڭدىن كىتەي، كۆزۈڭدىن يۈتەي مەڭگۈ كەلمەسكە كىتەي،
ئىسىڭدە بولسۇن ئەمدى مېنى قايتىپ كىلىدۇ دىمە. ئەمدى ئۆزۈمنى ساڭا ھەرگىز خار قىلمايمەن. قەدىرىم يوق يەردە قەدەملىرىمگە نىمە بار؟ خەيرى مەن كىتەي،
مەن يوق ھاۋادىن چوڭقۇر نەپەس ئالغىن ، قاقاقلاپ كۈلگىن ، مەن كىتەي ئەمما ئىسىڭدە بولسۇن كىيىن سېنىڭ سۆيگۈنۈڭمۇ مەن كەبىي سېنى سۆيۈپ ئەمەس بەلكى يىڭى ھەمراھىنى ساڭا كۆرسۈتۈپ مەن كەتتىم دەپلا كىتىدۇ، بەلكىم شۇ چاغدا ھدچكىم سېنى مەن كەبى سۆيمەي كىتىدىغىنى ئەسكە ئالاسەن، ئەمما جېنىم، مەن كەتتىم ، ئەمدى مەن كىتەي .
252 قېتىم كۆرۈلدى | yapirak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-9 1:34:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|