سېتىلسا ۋىجدان - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

 سېتىلسا ۋىجدان

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


روھىڭغا ھۆكۈمدار بولسا ۋىجدانىڭ،
بېرىدۇ ھەممىگە ئۇ ئادىل ھۆكۈم.
ۋىجداننىڭ تارازا,سورىقى ئالدىدا ،
ھەممە تەڭ,نامەرتكە بولمايدۇ كۈيۈم.

سېتىلسا«بازار»دا غورۇر,ۋىجدانىڭ،
يەرمۇ ئۆز قوينىغا ئالماس تىنىڭنى.
بىر كۈنى قارغايدۇ ۋىجدانسىزلىقىڭ،
غورۇرنىڭ سىرتمىقى بۇغۇپ گىلىڭنى.

ۋىجدانى سېتىلغان تىنى كېرەكسىز،
ئوخشايدۇ مىسالى تىرىك جەسەتكە.
دېيىلسە بار يەنە ئۇنىڭ كېرىكى،
بەلكىم تەجىربىدە تىرىڭ ئەۋرىشكە.
     





62 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-5 11:56:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ