ئىككى شېئېر
ئىككى شېئېر بەشىنچى ئاينىڭ تۆتىنچى كۈنى يەنى ياشلار بايرىمى كۈنىدىكى دوسىتلار چەمبىرىكى قىززىق نوقتا تېمىسى بولغان مۇنۇ ئىككى كۇبلىت شىئېرلارغا خاتىمە ، ( 1 ) گۇل ياشلىغىم كېتىمەن دەيدۇ ​ مەن ئېسىلدىم بىلەكلىرىگە ،بىز قېرىدۇق دىگەنلەرنىڭ سالغۇم كېلەر ئىڭەكلىرىگە! ياشلىقىم ، گۇل ياشلىقىم كېتىمەن دەيدۇ ، مەن ئېسىلدىم بىلەكلىرىگە ، بىز قېرىدۇق دىگۈچىلەرنىڭ ، سالغۇم كېلەر ئىڭەكلىرىگە! قېرىساڭمۇ نېمبوپتۇ پوقۋاش ، قەلىپ گۈلۈڭ تۇرمامدۇ ياپياش ، بۈبايرامدا كۈلگىن سەنمۇ ياش ، ئەمەس ساڭا ھايات باغرىتاش ، ئۈمۈد شامىڭ ئۆچمىسۇن مەڭگۈ ، ھايات قوينى بەئەينى گۈلباغ ، بۇلبۇل بولغىن قۇربىڭ يەتكىچە ، گۈللەر ئۈچۈن سايرىغىن ھەر چاغ ، بىز قېرىدۇق دىگۈچىلەرگە ، قانداق سۆزلەر لايىقتۇر بۈگۈن ، قىيدىمىغىن ھاياتقا ئەمما ، سېلىپ كەتمىگىن قەلىبكە تۈگۈن ، ئۆمۈر ئېتىڭنى سالدىڭ بەيگىگە ، ھاردۇق يەتمىسۇن مەنزىلىڭ يىراق ، چەتكە قاقمىغىن ياشلىقنى بۈگۈن ، سوراپقوي ھالىنى بۇلۇپ شام چىراق ، ئەركە ياشلىقىم كېتىمەن دىدىڭ ، ئېسىلدىم چىرمىشىپ بىلەكلىرىڭگە ، ھەر يىلى بايرامنى يار قىلغىن بىزگە ، تەشنا مەن ھەر نەپەس تىلەكلىرىڭگە ، ( 2 ) گۈل ياشلىغىڭ كىتىمەن دىسە، قوللىرىغا ئېسىلساڭ بىكار، بىكار غازاڭ قىلىپ ياشلىقنى، پۇشايماندا ئۆرتەنسەڭ بىكار. قېرىلىققا تەن بەرگەنلەرنىڭ، ئىڭىكىگە سالساڭمۇ بىكار، ئىككىنچى كۇبلىت شېئېرغا خاتىمە ،   بىكار ، گۈل ياشلىقىڭ كىتىمەن دىسە، قوللىرىغا ئېسىلساڭ بىكار ، بىكار غازاڭ قىلىپ ياشلىقنى، پۇشايماندا ئۆرتەنسەڭ بىكار. گۈل ياشلىقىڭ تاشلىسا سىنى ، مېھمان قىلىپ باقساڭمۇ بىكار ، ۋىسال شەربىتى كۈتكەن دىللارغا ، ئەمدى يۈرەكنى ياقساڭمۇ بىكار ، گۈل ياشلىقىڭ پادىشاھ لىقىڭ ، سەلتەنەت تەختى توزىدى بىكار ، قۇرۇق تاغىرى تۇرمايدۇ ئۆرە ، ئەمدى خىيالى بىكارغا بىكار ، گۈل ياشلىقى توزىغانلارنىڭ ، دىۋانىسى بولساڭمۇ بىكار ، قېرىلىققا تەن بەرگەنلەرنىڭ، ئىڭىكىگە سالساڭمۇ بىكار، قۇلاق سالغاندا ئۇلار ۋەزىگە ، ياشلىقىم بار مىنىڭ دىگىنى بىكار ، ئارمانىغا باراۋەر دەرمانى يوقتۇر ، چوككىدە سۆيسەڭمۇ بىكارلا بىكار ، خىتاپ قىلدىم ئۇلارغا قېنى ياشلىقىڭ ، تۇماق بىلەن ئۇرامتىڭ دەرمانىڭ بىكار ، يۈرۈكىڭدە سۆيگۈنىڭ پۇرىقى يوقكەن ، قېرىغىنىڭدا ئۇرساممۇ ئۇرغىنىم بىكار ، ئاپتۇرى - مۇھەببەت كۈيچىسى ، ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق ، تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار 15599755288 2017-5-4



76 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-24 0:07:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ