شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟
**
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر 📝
**
ھىكمەتنىڭ كانىنى ئاچقان بولساقمۇ ،
شۇ كاندىن ھەقىقەت قازالىدۇقمۇ ؟.
تۆت مىسرا بىر يەرگە ئەكەپ قويساقمۇ ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
ھەممىسى يازىدۇ قاپىيە باغلاپ ،
ۋە ياكى مەزمۇننى مەھكەم قۇچاقلاپ .
بۇلارنى تاشلايدۇ بوغۇمنى ساقلاپ ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
تاشقىنلاپ كىتىدۇ شېئىرى پۇراق ،
ھىسياتنى يىراققا قويىدۇ بىراق .
ئىملانى قىلىدۇ قولى يوق چولاق ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟،
**
قويىدۇ ئىسمىنى شائىر - شائىرە ،
شېئىرغا سالىدۇ مەھكەملىك گىرە .
ۋە لىكىن يىلتىزى كۆرىنەر خىرە ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
مۇھەببەت كۈيلىرى ھەددىدىن ئاشقان ،
نورماللىق قىلىپتىن زىيادە تاشقان .
شۇڭلاشقا نۇرغۇنى يولدىن ئاداشقان ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
شېئىرنى ھاياتنىڭ يىرىمى قىلىپ ،
ئۇنىلا ئۈگىنىش ئىلىمى قىلىپ .
باشقىچە بىلىمنى يالغۇزسىرىتىپ ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
بەزىدە قىز ئىزدەپ ئىلان چىقاردۇق ،
شېئىرنى ئىلاننىڭ مەركىزى قىلدۇق .
شۇندىمۇ ھىجىيىپ تازا ماختاندۇق ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
شائىرلىق نام دىگەن ئەلنىڭ باھاسى ،
شۇندىلا شائىرنىڭ بولار ئاساسى .
بەزىمىز ئاساسسىز شائىر داۋاسى ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
شىئىرلار قۇل بولۇر گاھى يالغانغا ،
گاھىدا جىدەلگە ئۆچنى ئالغانغا .
باغلانماي قالىدۇ گاھى ھەقدارغا ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
ئوقۇيدۇ نۇرغۇنى ئاپىرىن ئىيتىپ ،
شائىرمۇ ئىخلاسنى ماختاشقا سىتىپ .
سۆزلەنگەن ئىللەتنى قەتتى تۈگىتىپ ،
شېئىرنى شېئىردەك يازالىدۇقمۇ ؟.
**
2016.8.19.كۈنى .
| 108 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-20 13:24:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|