ناتۇنۇشلۇق

ناتۇنۇشلۇق

 

مىرادىل (ئىزچى)

 

 قالغاچقىمۇ يىراقتا ماكان،

 غېرىپسىنىش ھەمرا ماڭىلا.

 چۈش كۈرىمەن ھەر تاڭدا شىرىن.

 چىن مېھرىمنى بىرىپ ئاڭىلا.

 

تۇمان ئىچرە سەنمۇ ناتۇنۇش،

كۆزلىرىڭنى كۆرىمەن غۇۋا.

 قايرىلىپلا كىتىسەن لىكىن،

 چاقىرساممۇ قانچە رەت ئۇدا.

 

 سايرىشىدۇ قۇشلار بىخەۋەر،

گۈل-چىچەكلەر بەلكىم ئالدىراش.

كەڭرى قاقاس چۆللەرنى كىسىپ،

 تولغىنىدۇ ئاچچىق يېتىرقاش.

 

 ياندۇرىمەن غەيرى ئوتلارنى،

 قاراڭغۇلۇق قوينىدا تەنھا.

 گاھى ئۆچۈپ قالغاندا شادلىق،

 ئازاپلىرىم تەسەللى ماڭا.

 

 ئېھ، شوخ شامال كەلدىڭ قەيەردىن،

 يۇلتۇزلارنى ئۇچۇرتۇپ يىراق.

بىرەرىنى تاشلاپ قويساڭچۇ ،

 ھېسلىرىمنى ئېپ كەتكەچ بىراق.

 

 مەيلى ماڭا دۇنيا يىپيېڭى ،

بولسا يەنە ھەممە ناتۇنۇش.

 چۈشەنمىسەم قانچە ھىچكىمنى،

 شۇنچە گۈزەل تۇيۇلار تۇرمۇش.

 

 ——2016"1 "6





103 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-7 1:37:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-22 0:34:21 arafat
yahxika
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ