تەغدىر دەپ چىدىدىم ئازاپلارغا
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
سىرغىپ چۈشكەندە كۆزۈمدىن ياشلار ،
سەزدىم ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئاجىز .
مەڭگۈگە مېنى ئۇنتۇپ كېتەرسەن ،
مەن تۇرمىشىڭدىن يوقىلمەن ئاخىر.
بىلمەيسەن يار سەن ئۈچۈنلىگىنى ،
كۆزۈمدىن سىرغىغان ياشنىڭ .
بىلمەيسەن ھەتتا ئاھ ئۇرۇپ شۇنچە ،
ئېزىلگەن يۈرەكنىڭ ئاققان ياشنىڭ.
مەن سەن ئۈچۈن ھەممىگە چىدايتىم ،
بىراق سەن كۈل قىلدىڭ چىن سۆيگۈنى .
مەن سەن ئۈچۈن كېچىپ ھاياتىمدىن ،
خاتىرجەم تاپشۇرغان ئۆز بەختىمنى.
ئويۇنچۇق كۆرۈپ سەن مېنى نىگار،
تاشلىدىڭ ئازاپ قۇچىقىغا .
پۇچلاندىم ، قاقشىدىم، زار يىغلىدىم ،
تەغدىر دەپ چىدىدىم ئازاپلارغا
ئۈندىدار نومۇرى: 15292532364
2016يىلى 16-نويابىر
| 79 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-16 19:27:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|