باغۋەنلەرگە مەدھىيە(ئوتقاش)

باغۋەنلەرگە مەدھىيە

 

(جاپاكەش ئ‍ايالىم ۋە بارلىق ئ‍وقۇتقۇچى - ئ‍ۇستازلارغا بېغىشلايمەن)

 

ئ‍ابلىكىم غوپۇر ئ‍وتقاش

 

مېھىرلىك بۇلاقسەن ئ‍ەي ئ‍ۇلۇغ ئ‍ۇستاز،

 سەبىيلەر قەلبىگە سەل بۇلۇپ ئ‍اققان.

 نۇرانە ماياكسەن ھايات يولىدا،

 قاراڭغۇ دىللارغا شام-چىراغ ياققان.

 

سەن بولغاچ يىتىشتى ئ‍الىم-ئ‍ىنژىنىر،

 كۆكلەردە پەر قاقتى سەيياھ ئ‍ۇچقۇچى.

 سەن بەرگەن ئ‍ەجىردىن كۆكلىدى تالاي،

 مۈشكۈلدىن تاغ يېرىپ يوللار ئ‍اچقۇچى.

 

ئ‍ولۇغلۇق بابىدا يۈكسەك چوققىسەن،

 چاچلىرىڭ ئ‍اقاردى قىلمىدىڭ مىننەت.

پارلايدۇ چېھرىڭدىن ئ‍الەمچە كۈلكە،

ياش قىران بوغۇنلار قۇچقاندا شۆھرەت.

 

 2015-يىل 9-ئ‍اي 10-كۈن (مارالبېشى)





167 قېتىم كۆرۈلدى otkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-10 10:46:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ