قاچانغىچە يۈرىمىز شۇنداق
ياسىنجان رۇزى
كەلسە ئامەت كۈلدۇق يەتكۈچە ،
كەلسە ئاپەت تەغدىركەن دىدۇق .
ئويلىمىدۇق تەدبىر ھەققىدە ،
چىقماي تاغقا شىردىن غەم يىدۇق.
ئۆتتى كۈنلەر شۇنداق تەمتىرەپ ،
قۇدۇق قازماي كۆكتىن سۇ تىلەپ.
قېرىپ كەتتى ئارمانلىرىمىز ،
جاسارەتنى شۈكرىگە بىلەپ.
تىرىشقانلار ئۇچتى كۆكلەردە ،
بىز تاماشا قىلدۇق پەس يەردە .
قاينىمىدى ۋىجدانىمىز ھېچ ،
يىرتىلمىغاچ بىزدىكى پەردە .
نادانلىقنى يۈدۈپ بىز يەنە ،
قاچانغىچە يۈرىمىز غەمدە .
ئويغانماستىن شىرىن چۈش كۈرۈپ ،
يۈزلەنمەستىن پارلاق دەۋىرگە .
ئاپتۇر :خېجىڭ ناھىيسىدىن
330 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان رۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-3 17:58:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-4 23:21:59 | LaYli |
بەك ياخشى يېزىپسىز 👍👍👍 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|